Uyghur→ChineseMain Dictionary
كۇرۇ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
乍古鲁〈不丹〉
zhà gǔ lǔ 〈bù dān 〉
دۇنيا تارىخى
居楼
jū lóu
ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. گانگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردە ئۆتكەن پادىشاھ پارىكست تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى خاستىناپورا (پىل شەھىرى). پادىشاھ پارىكسىت ناگاسلارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قازا تاپقا، ئۇنىڭ ئوغلى جانامېجايا تەختكە چىقىپ، <ئۇلۇغ پادىشاھ> دەپ ئاتالغان، قەندىھار دۆلىتىنىڭ تاكساسىلا شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، ناگاسىلارنى قىرغىن قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن كۇرۇ ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بىر بۆلىكى ئوتتۇرا دەپ ئاتالغان، يەنە بىر بۆلىكى داكشىنا دەپ ئاتالغان. كېيىن پادىشاھ جانامېجايادىن نىچاكشۇ دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا، پىل شەھىرى گانگ دەرياسى تاشقىنىدا سۇغا غەرق بولغان. ئاھالىلىرى شەرقتىكى باسا دۆلىتىگە كۆچۈپ بارغان (باسا دۆلىتى بىلەن كۇرۇپراخبا مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان)، پايتەختى كوشاڭمى. يەنە بىر بۆلىكى پادىشاھ جانامېجايانىڭ ئىنىسى كاكشاسېنا تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، ئىندراپراستخا (ھازىرقى دېھلى ئەتراپىدا)نى پايتەخت قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كېيىنكى ۋاقىتلارادا تازا روناق تاپقان. بۇددا دىنى دەۋرىگىچە كۇرۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇھىملىقىنى يوقاتقان.