UyghurMain Dictionary
پاقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ۋە قۇرت يەيدىغان پايدىلىق جانلىق.
«قۇمچاق» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ، ئورتاق تىلدا پاقىنىڭ بالىسى، يېتىلمىەەن پاقا.
پاقا كوكىرىمىسا بېشى ئاغرىيدۇ. كېيىك سۇ ئىچكەن يەردىن پاقا سۇ ئىچىمەس. قۇمچاقتىن قورققان كۆلدىن سۇ ئىچمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
قوش ماكانلىق ھايۋان، بېشى ياپىلاق ھەم كەڭ؛ ئاغزى، كۆزى چوڭ؛ تېرىسى سىلىق، رەڭگى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئادەتتە يېشىل، كۈل رەڭ سەپكۈنلىرى بولىدۇ؛ بارماق ئارىلىقىدا نېپىز پەردىسى بار؛ سۇدا ياكى سۇغا يېقىن جايلاردا ياشايدۇ، كۆپىنچە قاراڭغۇدا ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئەركەكلىرىدە كۇركىراش ئورگىنى بولىدۇ، ئۈنلۈك كۇركىرايدۇ؛ ئاساسەن ئېتىزلاردىكى زىيانداش ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىگە پايدىلىق، بالىسى <قۇمچاق> دېيىلىدۇ. يېشىل پاقا ئادەتتە <ئېتىز توخۇسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۈگمەننىڭ تېشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شۈمۈكنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلغان، تۆپە تاشنىڭ تۆشۈكى ئىچىدە تۇرىدىغان تۆت بۇرجەك ياپىلاق تۆمۈر.
تۈگمەننىڭ پاقىسى.