UyghurMain Dictionary
كرانىي
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1900) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. يېڭى جېرسېي شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان. 1891 - يىلى نيو - يوركتا مۇخبىر بولغان ھەمدە ھېكايە، شېئىر يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1893 - يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ دەسلەپكى رېئالىزملىق ئەسەر <پاھىشە ماكى> نى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي مۇخبىرلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق: <قىزىل قەھرىماننىڭ مۇكاپاتنامىسى> ناملىق ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا شىمال - جەنۇب ئۇررۇشىدىكى بىر ئەسكەرنىڭ روھىي ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە <ئالۋاستى> ناملىق ھېكايىسى، <قارا مەرگەن> ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ، ⅩⅩ ئەسىردىكى يېڭى شېرىيەت ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.