—Reference
باياز
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە)
شېئىرلار توپلىمى. بۇنداق توپلاملار، كۆپىنچە، بىر قانچە شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن تۈزۈلىدۇ. <باياز> شائىرلارنىڭ ئۆزى، ياكى ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، بەدىئىي ئەدەبىياتىنى تەرغىپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، خۇسۇسەن 19 - ئەسىردە ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆپلىگەن بايازلار تۈزۈلگەنىدى. بۇ بايازلارنىڭ بىر قىسىمى قول يازما، ياكى كېيىنكى يىللاردا لىتوگرافىيىدە بېسىلغان نۇسخىلىرى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغان. بەزى بايازلار بىرەر شائىرنىڭ شېئىرلىىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىلگەن بولىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى توپلىمى شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن ھەر خىل ناملار بىلەن نەشر قىلىندى.
مەسىلەن: شائىرىمىز رەھمىتۇللا جارى نەشرگە تەييارلىغان شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيېۋ نەشرگە تەييارلىغان <غەزەللەر> (ناۋايىنىڭ) ناملىق توپلاملار كىتابخانىلىرىمىزغا يېقىندىن تونۇش.