UyghurMain Dictionary
ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ژۇرنالىست ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن 1942 - يىل 9 - ئايدا قەشقەر شەھەرىگە تەۋە شامالۋاغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسى ۋە قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان؛ 1957 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دەسلەپ ئاقسۇنىڭ قىزىل رايونىدا، كېيىنچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1980 - يىلدىن باشلاپ <قەشقەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <تۈندە يانغان چىراغلار> ناملىق شېئىرى بىلەن رەسمىي باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مول ئىدىيۋى مەزمۇنغا، خېلى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيىگە ئىگە <كۈلۈپ ياشايلى قىسمىتىمىزدىن>، <نۇزۇگۇم خاتىرىسىگە>، <چۈش>، <ئۇلۇغلايلى ئىنساننى>، <ئېتىقاد>، <ئۆزۈمگە سوئال>، <شېئىر ۋە شائىر> قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى شېئىرلارنى؛ <كىتاب ھەققىدە باللادا>، <نۇزۇگۇم> قاتارلىق باللادىلەرنى، <بۈركۈت ناخشىسى> قاتارلىق داستانلارنى ۋە نۇرغۇن رۇبائىيلارنى يازغان.
ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن ئۆز نۆۋىتىدە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ <كەچكى تاماق>، <گۈلجامال>، <قارىغۇجا>، <سەلەي چاققان>، <نۇزۇگۇم> قاتارلىق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە درامىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان.
ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپلا ئەدەبىيات تەتقىقاتى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <زوھوردىن ھېكىمبەگ دەۋرىدىكى مەدەنىي ھايات ۋە ئەدەبىيات>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا ژانىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجى>، <ماقال - تەمسىللەر ۋە ئۇنىڭ يازما ئەدەبىياتتىكى رولى>، <ئىلھام توغرىسىدا>، <دېڭىز ئۈنچىلىرى> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە رەتلەش بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.
ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىننىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن <ئالتۇن ئاچقۇچ> (ھاجى مىرزاھىد كىرىمى بىلەن بىللە، 1982 - يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا> (1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق مەخسۇس ئىلمىي ئەسىرى، <ئۆچمەس يۇلتۇزلار> (1982 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <دېڭىز ئۈنچىلىرى> (1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق مەخسۇس ئىلمىي ئەسىرى، <نۇرلۇق چولپان> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمى، <قىيان> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى) ناملىق پوۋېست، ھېكايىلەر، نەسىرلەر، دراما توپلىمى، <كىتاب ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت> (مۇھەممەترېھىم ھاجى تۇرسۇن بىلەن بىللە، 1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ماقالىلەر توپلىمى، <سېھىرلىك ئالتۇن> (1991 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق بالىلار ئوقۇشلۇقى، <شەپەق جۇلاسى> (1994 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى) نامالىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.