Uyghur→ChineseMain Dictionary
كاكىنەج
تېببىي
锦灯笼
jǐn dēng long
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
灯笼草
dēng long cǎo
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كاكىنەجگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ، غولى يەككە - يېگانە ھالدا تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ، دائىم ئىككى يوپۇرماق بىرلىكتە
ئۆسىدۇ. شەكلى كەڭ تۇخۇمسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈلى ئاق رەڭدە بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدىن يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈل كاسسىسى يېشىل،
قوڭغۇراقسىمان بولۇپ، مېۋىسىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆسىدۇ، پىشقان چاغدا قىزىرىپ، خۇددى پانۇستەك كۆپۈپ تۇرىدۇ؛ شىرنىلىك مېۋىسى
گۈل كاسسىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە گۈل كاسسىسى ئىچىدىكى پىشقان مېۋىسى
ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسىللىرىدە ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يول بويلىرى ۋە ئېتىز
قىرلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
بەلغەمنى يۇمشىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەرنى ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كاكىنەجدىن 12 گرام، يەر توزغىقىدىن سەككىز گرام، مامكاپتىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،
بادامسىمان بەز ياللۇغى ۋە يۇتقۇنچاق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كاكىنەج، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن ۋە چۈچۈكبۇيىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام كاكىنەجنى ئالتە گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، 12 گرام چوقا، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر
كاناي ياللۇغى ۋە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كاكىنەج ۋە ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكيۆتەل ۋە كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام كاكىنەج چۆپىنى سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 70 گرام قارا شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي كېزىكى ۋە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كاكىنەجنى قارايغىچە قورۇپ، سوقۇپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، شاپاق يارىسىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
كاكىنەجتىن 10 تال، پوستى سويۇۋېتىلگەن ئىنەكپىتىدىن 10 تال ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ 10 تال كۇمىلاچ ياساپ، ئۈچ ئايغىچە ھەر
قېتىملىق ھەيزنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بىر يىلغىچە ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كاكىنەجنىڭ سىقىلغان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاقنىڭ سوزۇلما يىرىڭلىق جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كاكىنەجنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، مەددەت قۇرت، بۆرەك ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
كاكىنەجنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن ھەر كۈنى تۆت گرامدىن ئىچىپ بەرسە، يەرقان كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاياللار ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كاكىنەجدىن يەتتە دانە يۇتۇەتسە، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كاكىنەجدىن قوۋزىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ شىخ ئەرمىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرت ۋە مەددىلەرنى
چۈشۈرىدۇ.
كاكىنەجدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەدەندىكى قاتتىق ئىششىق، بوۋاسىر ۋە قۇلاقنىڭ سوزۇلما
يىرىڭلىق چاقىلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.