UyghurMain Dictionary
ئابلىز ئۆمەر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر، ژۇرنالىست ئابلىز ئۆمەر 1943 - يىل 11 - ئايدا قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى قوغان يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1950 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە باشلانغۇچ - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1959 - يىلدىن 1990 - يىلغىچە <قەشقەر گېزىتى> دە مۇخبىر، مۇھەررىر، تەھرىر بۆلۈم مۇردىرى، پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، مۇشۇ مەزگىلدە شىنجاڭ رادىئو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتېتلىرىدا ئۇقۇغان ھەم بىلىم ئاشۇرغان. ھازىر قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابلىز ئۆمەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1957 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <لەگلەك> ناملىق شېئىرى ۋە سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <سوۋغا> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ <دان>، <بىر تال قىزىل يىپ>، <باھار سۈيى>، <ئۆڭمەس گۈل>، <ۋەتەن مۇھەببىتى> قاتارلىق يۈزلىگەن شېئىرلارنى؛ <قانغا بويالغان كىتاب>، <باغۋەن ھۆرمىتى> قاتارلىق داستانلارنى يازغان. بۇ شېئىرلار <باھار چېچەكلىرى>، <قەشقەر ناخشىلىرى>، <تەنتەنە>، <توي چاچقۇسى>، <ياپراقتىكى نەقىشلەر> قاتارلىق توپلاملارغىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئابلىز ئۆمەرنىڭ بەزى ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئابلىز ئۆمەر يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <قەشقەر تەنتەنە قىلماقتا>، <ئۈزۈلمەس رىشتە>، <ۋاپادارلىق كۈيى>، <ئۇلۇغ ئالىمنىڭ قەبرىسى ئالدىدا>، <مەرىپەت يۇلتۇزى ھەققىدە قىسسە> قاتارلىق ھېكايە ۋە ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يازغان، شۇنداقلا يەنە <شېئىرىيەت بېغىدىكى خۇش ناۋا بۇلبۇل>، <تۇردى سامساق ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا> قاتارلىق ئوبزور، ئەدەبىي ماقالىلەرنى يازغان. ئابلىز ئۆمەر يەنە باشقىلار بىلەن بىللە <ئۆسمۈر ئېنسىكلوپېدىيىسى>، <تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى> قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان.
ئابلىز ئۆمەر نۆۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى. <بۇلبۇل ناۋاسى>، <خۇش ئاۋازلار>، <ئورماندىن سادا>، <جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى>، <ئۆلۈكلەر ۋە تىرىكلەر>، <سېھىرلىك ئالتۇن>، <سېغىنىش>، <شەپەق جۇلاسى> قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنىڭ جاۋابكار مۇھەررىرلىكىنى ياكى ئاخىرقى بېكىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.
ئابلىز ئۆمەرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۆمۈر ئىزلىرى> (1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ۋاپادارلىق كۈيى> (1991 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى بار.
ئابلىز ئۆمەر ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق نەشرىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە غەربىي ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.