UyghurMain Dictionary
سابا
بىئولوگىيە
مالايسىيانىڭ بىر ئۆلكىسى. جەنۇبىي تەرەپ ھىندۇنېزىيىنىڭ كالىمانتان ئۆلكىسى بىلەن، غەربىي تەرەپ مالايسىيانىڭ ساراۋاك ئۆلكىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرەپ جۇڭگو دېڭىزى، شەرقىي تەرەپ سۇلۇ دېڭىزى ھەم سېلېبېس دېڭىز ھەم سېلېبېس دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 76 مىڭ 115 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 900 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ %64 نى يەرلىك مىللەتلەر (كاداسەن، باياۋ، مۇلى قاتارلىق)، 20% نى خەنزۇلار، % 2مالاي مىللىتى، قالغان % 12نى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى كاتا كىنابالۇ شەھىرى. سابانىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى غەربتىن شەرققە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، تاغ تىزمىلىرى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ سوزۇلغان. بۇ جايدا شەرقىي جەنۇب ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئېگىز كىنابالۇ تېغى (ئېگىزلىكى 4101 مېتىر)، دۆلەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريا — كىناباتانگان دەرياسى بار. كان بايلىقلىرىدىن مىس، خروم، تۆمۈر، نېكىل، مارگانېتس قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسى مول. تاغ ۋادىلىرىنىڭ توپىسى مۇنبەت بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان. ھاۋاسى يىل بويى ئىسسىق، ھۆل - يېغىنى مول بولىدۇ. پۈتۈن ئۆلكىنىڭ %82 يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. سابا 1888 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ قوغداش دائىرىسىدىكى دۆلەت بولغان، 1941 - يىلدىن 1945 - يىلغىچە ياپونىيە ئىگىلىگەن. 1946 - يىلى ئەنگلىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكە بولغان. 1963 - يىلى مالايسىيانىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. سابانىڭ ياغاچ ئېكسپورتى پۈتۈن ئۆلكە ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ %50 تىن كۆپىنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن دۆلەت ياغاچ ئېكسپورتىنىڭ % 80نى تەشكىل قىلىدۇ. تېرىلغۇ مەيدانى ئاز، ئاساسەن كاۋچۇك، كوكۇس پالمىسى، ياغلىق پالما، كاكائو قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. دېڭىز بايلىقى مول، بېلىق، ترېپانگا، مەرۋايىت، راك قاتارلىقلار چىقىدۇ. تۆمۈريولى پايتەخت بىلەن باۋفور شەھىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاندىن مېلالاپ شەھىرىگە بارىدۇ. تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تاشيول غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەر قايسى شەھەر - جىڭلار بىلەن شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى ساندا كان شەھىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6586 كىلومېتىرغا يېتىدۇ (1982). دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا دېڭىز ترانسپورتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل دورىنىڭ نامى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تاڭ سەھەردىكى سالقىن شامال.
سەھەرلەر شوق سابا ئىلھام گۈلۈمنى ھەر سۆيۈپ ئۆتسە، تەپەككۇر پەرىسى قەلبىم بېغىغا گۈل قىسىپ كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«چاناچ» قا قاراڭ.
بىر سابا قىمىز.