UyghurMain Dictionary
چىقماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پەستىن مەلۇم بىر ئېگىزلىككە، يۇقىرىغا ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلمەك؛ كۆتۈرۈلۈپ بىرەر نۇقتىغا يەتمەك؛ ئۆرلىمەك.
تاغقا چىقماق. دەرەخقە چىقماق. مۇنبەرگە چىقماق.
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى بار (ماقال).
كۆچمە. ئەسلىدىكى مەلۇم بىر دەرىجە، باسقۇچ، پەللە ۋە شۇنىڭدەكلەردىن نىسبەتەن يۇقىرى بولغان دەرىجىگە، باسقۇچقا ۋە پەللىگە يەتمەك، ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك.
مەرتىۋىگە چىقماق. ئەمەلگە چىقماق. ئالىي مەكتەپكە ئۇقۇشقا چىقماق. ئەۋجىگە چىقماق.
ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلمەك، كۆرۈنمەك؛ تۇغماق (كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ھەققىدە).
كۈن چىقماق.
قاراڭ، بۈگۈن ئاي ئەجەپ گۈزەل چىقىپتۇ.
بىرەر نەرسە ئىچىدىن تاشقىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلماق؛ ئىچىدىن سىرتىغا بارماق.
مىلتىقتىن ئوق چىقتى.
كۆچمە. كارغا يارىماس بولۇپ قالماق، تۈگەشمەك.
بۇ سافالار ئىشتىن چىقتى.
دۇچ كەلمەك، يولۇقماق.
قاراخان ۋەزىر - ۋۇزرا، لاۋۇ - لەشكەلىرىنى باشلاپ كېتىۋاتسا، ئالدىدىن بىر كېيىك چىقتى.
سىرتقا تەپمەك، ئاجرىلىپ نامايان بولماق، كۆرۈنمەك.
بالىنىڭ پېشانىسىدىن تەر چىقىپتۇ.
قۇلىقىمنىڭ كەينىگە كىچىككىنە بىر يارا چىقىپ قالدى.
ئورنىدىن قوزغالماق، ئورنىدىن تايماق، ئاجرالماق (ئۈگە سۆڭەكلىرى ھەققىدە).
مېنىڭ قولۇم چىقىپ كەتتى.
كۆچمە. تايماق، ئازماق.
توغرا يولدىن چىقماق. پرىنسىپتىن چىقماق.
ھاسىل بولماق، پەيدا بولماق، بالىققا كەلمەك.
تىلى چىقماق. خۇيى چىقماق. ساۋادى چىقماق.
يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس (ماقال).
ئاخىرلاشماق، تۈگىمەك.
قان چىقتى - جان چىقتى (ماقال).
مەلۇم بىر قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرماق.
سەن ئايرۇپىلانغا چىققانمۇ؟ مەن پۇيىزاغا چىقىپ باقمىغان.
ئويۇن، دىراما ياكى كىنو ئەسەرلىرىدە، مەلۇم بىر شەخسنىڭ رولىنى ئوينىماق، ئالماق.
ئۆمەر سايىم <پەرھاد - شېرىن> درامىسىدا، <پەرھاد> نىڭ رولىغا چىقتى.
چىقىم بولماق، سەرپ قىلىنماق؛ خەجلەنمەك.
بۇ يەردە ھەممە نەرسىگە يانچۇقتىن پۇل چىقىدۇ.
بىرەر تەبىقىدىن، جايدىن ئۆسۈپ يېتىشمەك، يېتىلمەك؛ بارلىققا كەلمەك.
ئۈچتۇرپان شەھىرىدىن چىققان رەھمىتۇللا بەگ بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدىن چىققان تۆمۈر خەلىپىمۇ ئاشۇ دانكوغا ئوخشايدىغان كىشىلەر ئىدى.
كۆچمە. تېپىلماق.
ئىگىسى چىقماق.
دېمىگەننى دېگۈچى چىقار، يېمىگەننى يېگۈچى چىقار (ماقال).
پەيدا بولماق، تۇغۇلماق، يۈز بەرمەك.
شامال چىقماق.
ئەل <پۈۋ> دېسە، بوران چىقىدۇ (ماقال).
كۆچمە. ئېيتىلماق؛ دېيىلمەك.
لەيلىگۈل ئېلىقۇلغا قاراپ: - سەندىن ياخشى گەپ چىقىشىغا ئىشەنمەيمەن، - دېدى.
بېرىلمەك.
ئۇنىڭغا ھەر ئايدا 150 كوي مائاش چىقىدۇ.
ھېسابلانماق، قارالماق، سانالماق.
كەم چىقماق.
نايماننىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس چىقتى.
كۆچمە. قولغا كەلمەك، ئېلىنماق.
بۇ رايوندىن كۆمۈر، ئالتۇن، مىس قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى چىقىدىۇ.
ئېرىشمەك، ئىگە بولماق.
ئازادلىققا چىقماق.
ئاياغقا چىقماي، باشقا يوق (ماقال).
چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى <- دىن، - تىن> بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ، ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ مەلۇم ئىش - ھەرىكەتنى ئورۇنداش، بېجىرىش ئىمكانىيىتىنى بىلدۈرىدۇ.
ھاجىتىدىن چىقماق.
مەن بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن.
يېشىلمەك؛ بېسىلماق، كۆتۈرۈلمەك.
ھاردۇقى چىقماق. سېزىكتىن چىقماق. خۇمارى چىقماق. دەردى چىقماق.
بىرەر نەرسىدىن ياكى ئىشتىن خۇشى كەتمەك، زېرىكمەك، بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىشى، ھەۋىسى تۆۋەنلىمەك.
مەن كۈندە پولۇ يەۋېرىپ، پولۇدىن چىقىپ قالدىم.
كۆچمە. پۈتمەك، ئاياغلاشماق.
ئۇنىڭ قولىدىن ئاسانلىقچە ئىش چىقمايدۇ.
تېپىلماق، يەتمەك (ۋاقىت، پۇرسەت ھەققىدە).
مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقىمۇ، ياخشى دوستلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكىمۇ ۋاقتىم چىقىدۇ.
تارالماق، يېيىلماق، ھەممىگە تونۇلماق.
نامى چىقماق. ئېتى چىقماق.
بىلىنمەك، سېزىلمەك، ئەكس ئەتمەك.
ئۇنىڭ تەقى - تۇرقىدىن كەمتەرلىك چىقىپ تۇرىدۇ.
يايماق، تارالماق (ھىد، پۇراق ھەققىدە).
كۈز قۇياشى يارقىن نۇرلىرىنى چاچاتتى، ئورمان ئارىسىدىكى ھەرخىل گۈللەردىن گۈپۈلدەپ خۇش پۇراق چىقىپ تۇراتتى.
ئاجراشماق، ئۈزۈلۈشمەك.
ئۇلارنىڭ قىزىمۇ ئەردىن چىقتى.
ياتلىق قىلىنماق،، نىكاھلانماق، تەگمەك.
- شەھەردە سىزنى ئەرگە چىقارمىش دېگەن گەپ بار.
بىرەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى، ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە رولى كۆرۈلمەك.
ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىل سېتىۋالغان قار لەيلىسى ماركىلىق تېلېۋىزورى ياخشى چىقتى.
بىرەر نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشلەشكە، ياساشقا يەتمەك.
بۇ ياغاچتا بىر ئىشىك چىقىدۇ.
ھالىتى، رەڭگى، شەكلى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىدە قالماق، بېسىلماق.
بارماق ئىزى چىقماق. رەسىمى نىگاتىپقا چىقماق.
نەشىر بولماق، بېسىلىپ تارقالماق.
<قىزل راۋاقتىكى چۈش> رومانىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يېقىندا نەشردىن چىقتى.
يوقالماق، تۈگىمەك؛ ئۇنتۇلماق، كۆتۈرۈلمەك.
ئەستىن چىقماق. خاتىرىدىن چىقماق.
< - پ، - ىپ، - ۇپ، - ۈپ> لار بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ، رەۋىشداشتا ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتنى تەكىتلەيدۇ.
كۆرگەزمىنى كۆرۈپ چىقتۇق.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەخمەت ئۈزۈپ چىقتى.
كىمكى شاھزادىنى بىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەپ چىقسا، مال - دۇنيا ئىنئام قىلىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ.