UyghurMain Dictionary
چاپان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چاپان، تون؛ جەندە:
ۋەيا كىيسەم چاپان قىلسام گەدالىق،
ئۇشۇنداغدا بولۇرمۇ ئاشنالىق.
موللا فازىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نارازى بولۇپ قارىماي يۈرمەك.
باتنىغاننىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلار يەر. يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان. ئىگىسىگە كېرەك بولسا، قوشنىسى ئۆپكىلىمەس. كۆپتىن قېيىداپ كۆنەلمەي قاپتۇ. ئۇ چاپان چۆرۈپ چىقىپ كەتتى. چاپىنىڭنىڭ پېشىنى قاققىنىڭ بىلەنمۇ ئىش پۈتمەيدۇ. تۇرسۇن نېمە بولدىكىن، تەتۈر قاراپ يۈرىدۇ. سىڭايان قارىغانغا سان يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇجۇركا ئۈستىگە كىيىلىدىغان ئۇزۇن كىيىم.
« چاپان » ئومۇمىي ئاتىلىشى.
« تون » ياقىسىز بولىدۇ، ئادەتتە بەقەسەم، چەكمەنلەردىن تىكىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئۇلۇغلارغا، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە تون ياپىدىغان ئادەت بار.
« پېرىجە » يەرلىك چەكمەن رەختىن تىكىل
چاپان كۆيسە كۆيسۇن، قاران قاينىسۇن. كونا چاپان ئىت ھۈرسىمۇ يىرتىلار. ئاتىنىڭ سالغان يولى بار، ئانىنىڭ تىككەن تونى بار. ھەقىقەتكە توننىڭ لازىمى يوق. ئەسكى پېرىجىنىڭ ئىچىدە ئەۋلىيا بار، ئەسكى ئېگەرنىڭ ئاستىدا دۇلدۇل. نىمچا كىيگەن قۇشناچىم تۆرگە لايىق. ئەسكى چەكمەن يامغۇردا ياخشى. پەلتو پەم بىلەن كىيگەننى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان سىرتقى كىيىملەرنىڭ ئومۇمىي نامى.