UyghurMain Dictionary
سىلۋا
دۇنيا تارىخى
(1865 - 1896) كولۇمبىيىلىك شائىر. كىچىك سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1883 - 1896 - يىللىرى ياۋرۇپادا تۇرۇپ، ياۋرۇپادىكى گۈزەلچىلىك ۋە سىموۋولچىلىق ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ۋېنېسۇئېلادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئەمەلداربولغان، كېيىن پاراخوت چۆكۈپ كېتىش سەۋەبىدىن شېئىر ئورگىناللىرى يوقاپ كېتىش ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان سودا دۇكىنى سۇنۇپ كېتىش سەۋەبى بىلەن، ساقسىز بولۇپ ۋە روھىي جەھەتتىن مەيۈسلىنىپ، 31 يېشىدا ئۆلۈۋالغان.ئۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاخىرقى رومانتىزمچى ۋە تۇنجى سىموۋولىزمچى شائىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مۇزىكىلىق، لىرىكىلىق خاراكتىرىگەۋە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىغا ئىگە. ئۇنىڭ <كېچىدىكى ئۈچىنچى مۇزىكا>، <گۇگۇم>، <سېن خۇئاننىڭ كېمىسى>، <قېرىلىق> ۋە <روھىي كېسەل> قاتارلىق شېئىرلىرى بار.