UyghurMain Dictionary
مۈشۈك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. يۈزى يۇمىلاق، گەۋدىسى ئۇزۇن، قۇلاق قالقىنى قىسقا ھەم كىچىك، كۆزى چوڭ، كۆز قارىچۇقى نۇرنىڭ ئاجىز - كۈچلۈكلۈكىگە قاراپ يوغىنايدۇ ياكى كىچىكلەيدۇ. تۆت ئايىغى سەل قىسقا، ئالىقانلىرىدا گۆش ياتمىسى بار. سەزگۈر، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ، چاشقان تۇتالايدۇ. تۈكلىرى يۇمشاق، قارا، ئاق، سېرىق قوڭۇر ۋە كۈل رەڭلىكلىرىمۇ بار.