UyghurMain Dictionary
دەرد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كېسەللىك، دەرد، ئاغرىق.
غەم، قايغۇ؛ كۈلپەت، ئازاب، مېھنەت.
ئىشىق، سۆيگۈ، مۇھەببەت؛ ئاشىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاغرىش، دەخمەت، مۇشەققەت، مۇڭ، قايغۇ؛ قىزىماق، كۆڭلى تېلىمەك: دەردلىنىش - بىر ئىشنى كۆڭلى تىلەش ۋە ئۇنى قىلىشقا قىزىقىش. مەسىلەن: دەردى بار، دەرمانى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كشىنىڭ پىكرى _ خىيالىنى چاچقان روھىي ئازاب، قىيىن _ قىستاق.
كۆرمەيىن باستىم تىكەننى، تارتادۇرمەن دەردىنى، كۆرسەم ئەردىم، باسماس ئەردىم، تارتماس ئەردىم دەردىنى. ئىلىم يولىدا ئەلەم چەككەن ئادەم، ئەلەم ئەمەس، بەخىتكە قويىدۇ قەدەم. دەرد _ ئەلەملەر كېلىدۇ، ئوغۇل بالانىڭ باشىغا، سايدا تۈگمەن چۆرگىلەر كۆزدىن ئاققان ياشىغا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ۋە ياكى روھىي جەھەتتىن غەيرىي نورماللىق ھالىتى.
«بولماق»،«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بۇنداق ھالەتنىڭ ئېتىغا پەقەت «كېسەل» قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
كېسىلىگە قاراپ دورىسى. ئاغرىقىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. «ئاغرىقمەن» دەيدۇ، ھەممىنى يەيدۇ. خەستەكىشىگە خەت كېسىلمەيدۇ. دەرد باشقا، ئەجەل باشقا. دەرد كەلسە، دەرماق كېتەر. بىتاپ بولساڭ، ئاپتاپقا چىق. بىمار بولغانغا ھەسەلمۇ ئاچچىق. ئۇ كەم بولۇپ قاپتۇ، ئىشقا چىقالمايدىكەن، - دېدى. ئۇنىڭ بۈگۈن تاۋى يوق، مەجلىسكە بارالمايدۇ. مىجازم يوق، ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كېسەللىك ئازابى، ئاغرىق.
دەرد قىلماق. دەردكە چېلىماق.
يۈز پىچاقنىڭ دەردىنى بىر پىچاقچە كۆرمىدىم، مىڭدىن بىرنى ئاشىق ئەتتىم، بىر سېنىڭدەك كۆرمىدىم.
كۆچمە. روھىي ئازاب، ئەلەم، غەم - ئەندىشە، ھەسىرەت - نادامەت.
چوڭقۇر دەرد. ئىشىق دەردى. ھىجران دەردى.
دەردى يوققا ۋاي چىشىم دېمە (ماقال).
ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزى ئۈچۈن تۆگىدىن يوغان (ماقال).
بىرەر ئېھتىياجلىق نەرسىنىڭ كەملىكى، يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان غەم - غۇسسە، باش قېتىمچىلىقى.
سىلى ئەر، مەن خوتۇن، شۇنداق بولغانلىقتىن، ئۆيدە نېمە يوق بولسا، شۇنىڭ دەردى سىلىگىمۇ، ماڭىمۇ تەڭ ئەمەسمۇ؟