UyghurMain Dictionary
ئاداش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . دوست (بىر جىنىستىكىلەر ئارا)، ئاغىنە، بۇرادەر (ئەرلەر ئارا).
ئاداش، ئاداش بولايلى، بىر نېمە تاپساق تەڭ يەيلى. * ئاداش يۈر، كىنوغا بارايلى.
2 . يار، ئاشنا. ئاداش تۇتماق، ئاداش ئوينىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاداشماق، ئادىشىش. ئازماق، تېنىمەك .
نىساندىن ئاداشماق، يولدىن ئاداشماق، ئەقىلدىن ئاداشماق، ھېسابتىن ئاداشماق. * ئاداشساڭمۇ كۆپ بىلەن ئاداش (ماقال). * ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاخىر، ئاياغ، تامام؛
ئوخشاش ئىسىملىكلەر؛ تەڭتۈشلەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن.
«دوست» نىڭ دائىرىسى كەڭ، شەخسلەر ئارا بولۇپلا قالماستىن، باشقا جەھەتلەردىمۇ بولىدۇ.
«دوست»، «ئاداش» بىر جىنسكە خاس، ئىككى جىنس ئارا بىر - بىرىگە دېيىلمەيدۇ. «بولماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
«بۇرادەر»، «ئاغىنە»، «ئۆڭگە» ئەر -
مىڭ دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دورۇس بولسۇن. ئاداش، ئاداش بولايلى، بىر نېمە تاپساق تەڭ يەيلى. بۇرادىرىڭ ساپ بولسا، تاشلىقتا ئات بولسا. ئاغىنە ساق بولسا، قۇلۇڭ كۆيمەس. مىلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، ئۆڭگەڭ مىڭغا يەتسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل سۆيگەن كىشى، بىر - بىرىگە كۆيگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى.
<ئاشنا>، <ئاداش> كۆپىنچە خوتۇنلۇق ئەر ياكى ئەرلىك خوتۇن ياكى بويتاق، تۇل ئەر - ئاياللاردىن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
<دىلبەر>، <دىلدار>، <دىلرەبا> لار كىتابىي سۆزلەر، كلاس
بىر قول ئىككى ئىشنى قىلالماس زىنھار، بىر دىلغا سىغمايدۇ ھەرگىز ئىككى يار. يرىم چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئىككى ئالەمدە مېنىڭ نىگارىم بولسا يېنىمدا، بەس؛ يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۈرۇ غۇلمان كېرەك ئەمەس. جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما. ئاداش تاپتىم بازاردىن، خالاس بولدۇم قازادىن. باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا، دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا. دىلى كۆيگەنگە دىلرەبا بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاداش.
1 - 83
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دوست، ھەمراھ. ئاداش قاداش دوست - قېرىنداش؛ ئۇرۇقداش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دوست؛ ئاغىنە، بۇرادەر.
ئاداش بولماق.
يار، ئاشنا.
كۆردۈڭمۇ بۇ باشىمنى، كۆزۈمدىن ياشىمنى، ئۈچ كۈن بولدى كۆرمەيمەن، قارا قاش ئاداشىمنى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قېرىنداشلىق، دوستلۇق، كۆڭلى يېقىنلىق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قېرىنداش، دوست، دىلكەش، كۆڭلى يېقىن كىشى؛ باشقا شەكىللىرى: ئاداشباي، ئاداشبەگ.