UyghurMain Dictionary
سالماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئېغىر - بېسىق، پۇختا، تەمكىن.
سالماق ئادەم. * ھەر ئىشتا سالماق بول. * بۇ گەپنىڭ خېلى سالمىقى بار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
«سال» نىڭ ئىسمىدىشى، «سال Ⅱ» گە قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈرۈش - تۇرۇش، خۇي - پەيلى تۇتاملىق ۋە تۇراقلىق.
تەمكىن پىل پەللىگە ھودۇققان ئاتتىن بۇرۇن بارىدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى ۋەزمىن ۋە خۇشال تۇتۇڭ، سالماق بولساڭ، زەخمەت چەكمەيسەن. ئېغىر - بېسىق بولار. ئېغىر - بېسىق بولساڭ، ھۆرمەت تاپىسەن. ئۆزىنى توختاتقان ھەرقاچان غالىب.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى تۇراقلىق ۋە تۇتاملىق.
ئالىجوقا، شاللاق، شېتىلە، شەپشەك، ئۆزىنى توختاتمىغان
مىجەز - خۇلقى تۇراقسىز، تۇتامى يوق.
تەمكىن پىل ھودۇققان ئاتتىن پەللىگە بالدۇر بارىدۇ. ۋەزمىن يىگىت ھۈرمەتكە لايىق. ئېغىر - بېسىق ئادەمنى شەيتان ئالدىيالمايدۇ. ئۆزىنى توختاتقان ئادەم - ئۇلۇغلۇققا قەدەم قويغان ئادەم. گاچىغا ئۇچرىغان ئالىجۇقىمۇ ھارىدۇ. شاللاق خوتۇنغا سوقۇر ئەر ياخشى. خوتۇنى شېتىلە بولسا، ئېرىنىڭ قارىغۇ بولغىنى ياخشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كىيىم - كېچەكنى ئۆز جايىدىن ئالماق (باش كىيىمگە دېيىلمەيدۇ). چاپاننى يەشمەك، ئۆتۈكنى يەشمەك
كىيمەك
كىيىم - كېچەكنى ئۆز جايىغا ياپماق. تۇماق كىيمەك، چاپان كىيمەك، ئۆتۈك كىيمەك
مېھمانغا بارغىنىڭىزدا يۇيۇنۇپ - تارىنىپ پاكىز ۋە چىرايلىق كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ بېرىڭ. قورچاقنىڭ كىيگىنى ئېسىل بولغىنى بىلەن ئۇنىڭدا ھېس يوق. ئىنسان ئۈچۈن تاج كىيمەك شەرت ئەمەس، نومۇس ۋە ۋىجدان ئىگىسى بولۇش شەرت. ئۆيگە كىرگەندە كالاچ، ئاياغلىرىڭىزنى يېشىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ. تەرلىگەن بولسىڭىز، چاپىنىڭىزنى يەشمەي تۇرۇڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئېغىرلىق، ۋەزىن.
ئۇ دامكراتنى تەتۈر بۇراپ، تراكتورنىڭ چاقىنى ئۆز سالمىقى بويىچە ياغاچ ئۈستىگە ئاۋايلاپ چۈشۈرۈشكە باشلىدى.
ئى. سانى، ھەجمى، قىممىتى، ئەھمىيىتى جەھەتتىن تۇتقان ئورنى.
خىزمەتنىڭ سالمىقى. گەپنىڭ سالمىقى.
سۈپ. ئاساسلىق، مۇھىم.
تاش ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى <تەرەققىيات خەرىتىسى> دە سالماق ئورۇننى ئىگىلىگەن مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىدى.
سۈپ. ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېغىر - بېسىق، پۇختا، تەمكىن.
سابىر سالماقۋە خاتىرجەملىك بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىگە، دائىرىسىگە ياكى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق، قويماق، تاشلىماق.
قىلىچنى قېپىغا سالماق. يانچۇققا سالماق. ئاغزىغا سالماق. خۇرجۇنغا سالماق.
بىر نەرسىگە ئېسىپ، ئۆتكۈزۈپ، تارتىپ ياكى تىكلەپ ئورناتماق، ئورۇنلاشتۇرماق.
چاچ سالماق. ھالقا سالماق. ئۈزۈككە كۆز سالماق. چىش سالماق. رامغا ئەينەك سالماق. دۇتارغا تار سالماق.
بىر نەرسە ئۈستىگە دەل قىلىپ چۈشۈرمەك.
سايە سالماق. تامغا سالماق.
ئالاھىدىن ئۇلارغا كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سالماپتۇ.
سانجىپ، تىقىپ ياكى قىستۇرۇپ كىرگۈزمەك.
ئوكۇل سالماق. ئاچقۇچ سالماق.
قەيت قىلماق، يازماق.
ماقۇل دادا، دېگەنلىرىڭنى خەتكە سېلىپ قوياي.
تاشلا بەرمەك.
قويغا ئوت سالماق. ئېشەككە سامان سالماق.
ئەۋەتمەك، يوللىماق.
خالتا سالماق.
خەتنى ئەتىسى ئەتىگەندە پوچتىدىن سالدىم.
چاپلاپ ياكى چېتىپ ئورناتماق.
ياماق سالماق. ئاياغقا چەم سالماق. ئۆتۈككە باشلىق سالماق. بەلۋاغقا ئۇلاق سالماق.
مەلۇم قاچا ئىچىدە پىشۇرماق.
مەيزاپ سالماق. گۈلقەنت سالماق. تاماققا تۇز سالماق. قازانغا گۆش سالماق. ساڭزا سالماق.
بىرەر قاتناش قورالىغا ئولتۇرماق، چىقارماق.
مەن ئاپامنى بۈگۈننىڭ پويىزىغا سېلىپ قويۇپ كىردىم.
بالىلارنى ھارۋىغا سېلىپ، بىز پىيادە ماڭدۇق.
بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە يايماق، ئاچماق، ياتقۇزماق.
كۆرپە سالماق. ئۆيگە گىلەم سالماق. داستىخان سالماق. پايانداز سالماق.
ھازىرلىماق، تەييارلىماق.
تاماكا سالماق. چىلىم سالماق.
ياقماق، تۇتاشتۇرماق.
گۈلخان سالماق. ئىسرىق سالماق. تونۇرغا ئوت سالماق.
يېشىپ ئۈستىدىن ئېلىپ تاشلىماق.
سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما (ماقال).
پەسكە قارىتىپ ئەگمەك، ساڭگىلاتماق؛ سالپايتماق.
ئابدۇنىياز بۇلۇڭدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سالدى.
بىنا قىلماق، بەرپا قىلماق، قۇرماق، ياسىماق، ئورناتماق.
ئۇۋا سالماق. تونۇر سالماق. ئوچاق سالماق. مەكتەپ سالماق. تام سالماق.
قاتتىق تەگكۈزمەك، ئۇرماق.
مۇشت سالماق. تەستەك سالماق. كاچات سالماق. تاياق سالماق.
كەسمەك.
دەرەخقە پالتا سالماق.
پىچاقنى ئاۋۋال ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە سال (ماقال).
مەلۇم نەرسە بىلەن ئۆلچىمەك.
يەرگە مېتىر سالماق. جىڭغا سالماق.
ئوراپ، چېڭىتىپ ئاجرىمايدىغان قىلماق، ئەتمەك؛ بېكىتمەك، بەند قىلماق.
ئىشىككە تاقاق سالماق. زەي سالماق. بوينىغا گىرە سالماق. كىشەن سالماق. يۈگەن سالماق. سىرتماق سالماق.
سوقماق، ئۇرماق (يۈرەك، تومۇر ھەققىدە).
ئادىلنىڭ يۈرىكى سېلىپ كەتتى.
مەلۇم بىر تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ قويۇپ بەرمەك، ئىلگىرىلەتمەك، ماڭدۇرماق.
قويلارنى يايلاققا سالماق.
بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشماق.
3 - قېتىم بىر قىزىل چار خوراز بىلەن قارا خورازنى سالدى.
بىرەر ئىشقا، ھەرىكەتكە، پائالىيەتكە چۈشۈرمەك؛ ئىشتىراك قىلدۇرماق.
بەيگىگە سالماق. جەڭگە سالماق. گەپكە سالماق. ئويۇنغا سالماق. ئۇسسۇلغا سالماق. ئۇرۇشقا سالماق. پاراڭغا سالماق. ئەمگەككە سالماق.
بىرەر ھالەتكە كەلتۈرمەك، چۈشۈرمەك؛ دۇچار قىلماق.
ئالەمنى لەرزىگە سالماق. ئەندىشىگە سالماق. قەلبىنى زىلزىلگە سالماق. دەردكە سالماق.
بىرەر ئەھۋال، ھالەت ياكى تۇيغۇنى پەيدا قىلماق.
تەھدىت سالماق. زىيان سالماق. سوغۇقچىلىق سالماق. ئازاب سالماق. گۇمان سالماق.
پىكىرلىشىشكە، بىر تەرەپ قىلىشقا سۇنماق، ھاۋالە قىلماق.
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا توي مەسىلىسىنى ناھىيىلىك كومتېت مەجلىسىگە سالدى.
چۈشكەن جايىدا تۇرغۇزۇپ ياكى ئوتقا تەڭلەپ ئىسسىق ئۆتكۈزمەك، قاقلىماق.
قاق سالماق. كاۋاپ سالماق.
ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى سال، كۈزنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى سال (ماقال).
مەلۇم تەرتىپ شەكىلگە ماس قىلماق، ماسلاشتۇرماق، ماس ھالدا بىرلەشتۈرمەك.
ئىشنى ئىزىغا سالماق. ناخشا تېكىستىنى ئاھاڭغا سالماق. قاتناشنى تەرتىپكە سالماق.
مەلۇم مەجبۇرىيەتنى يۈكلىمەك، ئارتماق.
سېلىق سالماق. ئالۋان سالماق.
تەكلىپ قىلىپ، ياللاپ ئىشلەتمەك.
ياغاچچى سالماق. ئۆيگە خىزمەتچى سالماق.
مەلۇم بىر تەرىپىگە يېقىن كەلتۈرۈپ ماڭدۇرماق.
بىز قاشقىر باينى ئالدىمىزغا سېلىپ يولغا چىقتۇق.
راۋابىڭنى چالساڭچۇ، مېنى ئارقاڭغا سالساڭچۇ، مەن مۇساپىر، سەن غېرىب، بېرىپ چۆللەردە چالساڭچۇ.
چۈشۈرمەك، كەلتۈرمەك، ئەسلەتمەك.
ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ئۆتكەن كۈنلەرنى قايتىدىن ئېسىمگە سالدى.
تۇغماق (قۇشلار ھەققىدە).
بۇ قۇشلار ئەتىيازدا تۇخۇم سېلىپ، بالا چىقىرپ كۆپىيىدۇ.
يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەزى سەزگۈ ئەزا ناملىرىغا قوشۇلۇپ، شۇ ئەزا ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەلۇم قىلغانلىقنى، ئەسلەتكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنىنى قايتا يۈزىگە سالمىدى.
ئايرىم ئىسىملارغا قوشۇلۇپ كېلىپ ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
قۇلاق سالماق. يول سالماق. شاۋقۇن سالماق.
<- پ، - ىپ، - ۇپ، - ۈپ> لەر بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن كېلىپ، رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئورۇندىلىشىنىڭ تاسادىپىي بولغانلىق تۈسىنى بىلدۈرىدۇ.
يىغلاپ سالماق. كۈلۈپ سالماق. ئېيتىپ سالماق.
يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن بەزى ئىسىم ياكى سۈپەتداشلار بىلەن كېلىپ سۇبيېكتىنىڭ شۇ ئىسىم ياكى سۈپەتداش بىلدۈرگەن ئىش - ھەرىكەتنى ئۇرۇندىغان ھالەتكە كىرىۋىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
رۇقىيەم بۇنى سېزىپ تۇرسىمۇ سەزمەسلىككە، كۆرۈپ تۇرسىمۇ كۆرمەسلىككە سالاتتى.