Uyghur→ChineseMain Dictionary
مېدىيە
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
米太
mǐ tài
دۇنيا تارىخى
米提亚
mǐ tí yà
ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مېدىيلار بىلەن پارسلار ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ ئىران تىلى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، مىلادىدىن تەخمىنەن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىران ئېگىزلىكىگە كۆچۈپ كىرگەن. مېدىيە قەبىلىرىنىڭ نامىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردىكى ئاسسۇرىيە ئويما يېزىقلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. ئۇ"لار كۆپ قېتىم ئاسسۇرىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئاستىدا بولۇپ كەلگەن. ئۇلاr دەسلەپتە ئالتە قەبىلە ئىتتىپاق تۈزۈپ، مىلادىدىن ئىلگىرىك ى ⅢⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، دېئوكېس ئۆزىنى <پادىشاھ> (قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ يولباشچىسى) دەپ ئاتاپ، قانۇن تۈزۈپ چىققان، ئىكباتان شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، دەسلەپكى دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن. پادىشاھ كىياكىسار (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 625 - 585) دەۋرىدە، يېڭى بابىلون بىلەن بىرلىشىپ، ئىكى قېتىملىق كەسكىن جەڭ (مىلادىدىن ئىلگىرى 612، 605) ئارقىلىق ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان؛ يەنە ئورارتۇ بىلەن ماناغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان. كەينىدىنلا لىدىيە بىلەن كىچىك ئاسىيانى تالىشىپ، ھالىس دەرياسى بويىدا قاتتىق ئۇرۇش قىلغان، كېيىن كۈن تۇتۇلۇش تۈپەيلىدىن ئىكى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكەن (ئېيتىلىشىچە بۇ قېتىمقى كۈننىڭ تۇتۇلۇشىنى يۇنان پەيلاسوپى تالېس مىلادىدىن 585 يىل ئىلگخىر 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىپ بەرگەنىكەن)، بۇ چاغقا كەلگەندە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى پادىشاھ ئاستىياگ دەۋرىدە ئاخىرى پېرسىيە پادىشاھى كۈرۈش تەرىپىدىن يوقىتىلغان.