Uyghur→ChineseMain Dictionary
گور خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
廓尔王朝
kuò ěr wáng cháo
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئافغانىستان خاندانلىقى. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھېرات بىلەن غەزنى ئوتتۇرىسىدىكى گور تاغلىق رايونىدا بارلىققا كەلگەن. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئەسلى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىگە تەۋە بولغان، 1151 - يىلى گور خانى ئالاۋۇددىن ھۈسەيىن (؟ - 1163) ئەسكەر باشلاپ، غەزنەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، غەزنى شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ۋە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋەتكەن. ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى غىياسىدىن مۇھەممەد تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1163 - 1203) بۈگۈنكى پۈتۈن ئافغانىستان زېمىنىغا ئىگە بولغان ھەمدە ئىرانغا كېڭەيمىچلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد (گورلىك) ھىندىستانغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1886 - يىلى غەزنى خاندانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى بويسۇندۇرغان. 1206 - يىلى مۇھەممەد (گورلىك) زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان. دېھلى ۋالىيسى ئايبەك مۇستەقىل بولۇپ، قۇللۇق خاندانلىق قۇرغان. 1215 - يىلى گور خاندانلىقى خارەزەم سۇلتانى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.