UyghurMain Dictionary
ئۈچ كورىيە
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى ئاھالە ماخەن، چېن خەن، بيەن چېن (بيەن خەن) نىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. جەمەت مەنبەسى ئۈستىدە مۇقىم خۇلاسە چىقىرىلغىنى يوق، ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇلرنى شىمالىي ئىرققا كىرىدۇ دېگەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. دەسلەپتە <ئۈچ بەگلىك تەزكىرىسى>. ۋېي تەزكىرىسى. ۋۇۋەن، سىيانپى، شەرق تايىپلىرى ھەققىدە قىسسە< دە قەيت قىلىنغان. مىلادى Ⅱ، Ⅲ ئەسىرلەردە، كورىيانلار تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلىپ، قەبىلىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ماخەن غەربتە بولۇپ، 50 نەچچە بەگلىكى (قەبىلە) بار ئىدى. چېن خەن شەرقتە بولۇپ، 12 بەگلىكى بار ئىدى. بيەن چېن بىلەن چىن خەنلىكلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ 12 بەگلىكى بار ئىدى. ھەرقايسى قەبىلىلەرگە چېنجى، يىجيې، شيەنسې قاتارلىق باشلىقلار قوماندانلىق قىلاتتى. دەسلەپتە لېلاڭ، دەيفاڭ ۋىلايەتلىرىگە بېقىنغان. كېيىن ئىككى ۋىلايەتنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كېتىپ، ماخەن شىمالغا قاراپ كېڭەيگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دەيفاڭ ۋىلايىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، بوجى قەبىلىسى بىلەن بىللە باشقا قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋالغان ھەمدە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىن جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن فۇيۇيلار بىلەن قوشۇلۇپ، پېكچى بەگلىكى بولۇپ شەكىللەنگەن، چېن خەننى سىللا قەبىلىسى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىللا بەگلىكى شەكىللەنگەن. بيەن - چېن قاتارلىق كىچىك بەگلىكلەر ئىتتىپاق تۈزۈپ جىنگۈەن جيايېنى ئىتتىپاق باشلىقى قىلغان. Ⅴ، Ⅵ ئەسىرلەردە ئۇلارنىڭ زېمىنى بارغانسېرى تارىيىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پېكچى، سىللاغا قوشۇۋېتىلگەن.