Lughet
DictionaryChinese宋秉睃
ChineseUyghurMain Dictionary

宋秉睃

دۇنيا تارىخى سۇڭ بىڭجۈن (1858 - 1925) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۆتكەن مىللىي مۇناپىق. خامگىيوڭ ۋىلايىتى، چاڭجىنلىق. ھەربىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1884 - يىلدىكى جياشىن سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، جىن يۈجوننى يوشۇرۇن قەتل قىلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە بارغان، لېكىن جىنيۈجون تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈپ، جىن يۈجوننىڭ يېقىن دوستى بولۇپ قالغان. 1886 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جىن يۈجون بىلەن نىيىتى بىر دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان. مېن يوڭخۇەن (1861 - 1905)ئارىغا چۈشۈپ، ئۇنى تۈرمىدىن قۇتقۇزىۋالغان. ھۆكۈمەت يەنە قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندە، ئۇ، يەنە ياپونىيىگە كېتىپ، ئىسمىنى نودا ئىراخېجىروغا ئۆزگەرتىۋالغان. 1904 - يىلى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، تەرجىمان سۈپىتىدە ياپونىيە ئارمىيسى بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەنگە قايتىپ كەلگەن. ياپون ئارمىيىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يىن شىبىڭ (1859 - 1931) بىلەن بىرلىشىپ <يېڭىلاش ئۇيۇشمىسى> نى تەشكىللەپ <ئامانلىقنى ساقلاش ئۇيۇشمىسى> بىلەن ئارىلاشقان. ئۇ يەنە لى روڭجۇ (1868 - 1912) بىلەن <بىرلىكتە ئىلگىرلەش ئۇيۇشمىسى> تەشكىللەپ ساتقىن بولغان. 1907 - يىلدىن باشلاپ لى ۋەنيوڭ كابىنېتىنڭ يېزا ئىگىلىك، سودا - سانائەت ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. نۇرغۇن قېتىم ئىتوخىروبۇمىغا مەكتۇپ يوللاپ ۋە شەخسەن ئۆزى ياپونىيىگە بېرىپ، ياپونىيە بىلەن كورىيەنى بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ۋىكوندلىق مەرتىۋە بەرگەن، چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىگەن. 1920 - يىلى بارونلۇققا كۆتۈرۈلگەن.
Rate this entry
← Search