UyghurMain Dictionary
ئافاناسېۋ
دۇنيا تارىخى
(1859 - 1905) روسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچى ئىنقىلابچىسى. دېھقاندىن كېلىپ چىققان. 1887-يىلى پېتربۇرگ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىغا كىرىپ ئىشلەپ، ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان.1891-يىلى روسىيىدە ] 1-ماي [ نى تۇنجى خاتىلەش يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىشچىلارنى تەشكىللىنىپ، مۇستەبىت تۈزۈمگە ۋە كاپىتالىستلارغا قارشى كۈرەش ئلىپ بېرىشقا چاقىرغان. ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئىۋانوۋۇ ۋوزنېسېنىسكى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا تالكا دەرياسى بويىدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان چاغدا، قارا يۈز كىشىلىك ئۆمەك تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.