Uyghur→ChineseMain Dictionary
ھەيدەر ئەلى
دۇنيا تارىخى
海达尔.阿里
hǎi dá ěr .ā lǐ
(1722 - 1782) جەنۇبىي ھىندىستان مىيسورې شتاتىدىكى ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانى. 1750 - يىلى 200 ئەسكەرنى باشلاپ مىيسۇرې قوشۇنلىرىغا قوشۇلغان. 1755 - يىلى دىندىگۇل قورغانىنىڭ باشلىقى بولغان. 1759 - يىلى مىيسورې ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئىككىنچى يىلى مىيسورېنىڭ باش ۋەزىرى نانجاراجنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور قىلىپ، راجاننى نەزەربەند قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ئوردىدىكى سۈيىقەستنى باستۇرغان، جاگىردار تۈزۈمىنى بىكار قىلغان، پايتەختنى سېلىنگا بادەنگە كۆچۈرگەن، ياۋروپالىق ئوفىتسېرلارنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان. 1761 - 1764 - يىللىرى سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ بىدنۇر ۋە كانارا قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. 1765 - يىلى ماتارالىقلاردىن يېڭىلىپ قېلىپ، يەر بۆلۈپ بېرىش، پۇل تۆلەش بىلەن سۈلھ قىلغان. ئىككى قېتىم مىيسورېدىكى ئارمىيە ۋە خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى تىپو سۇلتان ۋارىسلىق قىلغان. <مىيسورې ئۇرۇشى> غا قاراڭ.