Uyghur→ChineseMain Dictionary
كلاسسىك تارىخشۇناسلىق
دۇنيا تارىخى
古典史学
gǔ diǎn shǐ xué
قەدىمكى گرىتسىيە ۋە رىم تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. غەرب تارىخشۇناسلىقى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. قەدىمكى گرېتسىيە تارىخشۇناسلىقى مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردە ئىئونىيە رايونىدىكى <تارىخنامىچىلار> (ياكى <تارىخ خاتىرىلىگۈچىلەر>) ئارىسىدا بىخلىنىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرلەردە ھېرودوت تەرىپىدىن ئاساس سېلىنغان، كېيىنكىلەر ئۇنى <تارىخچىلار پىشۋاسى> دەپ ئاتاشقان. توسىديدېس يازغان <پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى> يېزىلغان ۋاقىتلاردا ئاساسلىق تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ھەمدە كېيىنكى دەۋرلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن تارىخ ئىلمى ئەنئەنىسى بولۇپ شەكىللەنگەن؛ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار تارىخى تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمونى قىلىنغان؛ تارىخنى بايان شەكلى بىلەن يېزىش ئەسەر تۈزۈشتىكى ئاساسىي ژانىر قىلىنغان ھەمدە تارىخ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، ئۇلارنىڭ چىن ياكى ساختىلىقىنى پەرق ئېتىشتەك تارىخىي تەنقى ئۇسۇلىنى ياراتقان. بۇ ساھەدە بىرقەدەر مەشھۇر بۇلغان تارىخشۇناس شې نوفون ھېسابلىنىدۇ. گرېكلەشتۈرۈش دەۋرى ۋە رىم ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ تارىخشۇناسلىقى يەنىلا ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلغان، بۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىرى پولىبىئۇس، پلۇتاركوس، ئاررىئانوس ۋە ئاپپىئانوس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قەدىمكى رىم تارىخشۇناسلىقى تارىخ ئىلمى ئىدىيىسى، ئەسەر مەزمونى، تۈزۈلمىسى، شۇنىڭدەك يېزىلىش ئۇسلۇبى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئومۇمەن قەدىمكى گرېتسىيە تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە چوڭ كاتۇ لاتىن يېزىقى بىلەن تارىخ يازغان، شۇنىڭدىن باشلاپ رىمدا ھەقىقىي تارىخ ئەسىرى بارلىققا كەلگەن. ساللۇس تىئوستا كۆرۈنەرلىك ھالدا تەرەققى قىلغان. كائىسارنىڭ ئۆزى ناھايىتى ياخشى تارىخ يېزىش تالانتىغا ئىگە بولۇپ، جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى مەشھۇر تارىخچى ھېسابلىنىدۇ. ئىمپېرىيە دەۋرىدە لىۋىئۇس، تاستۇسلار كلاسسىك تارىخشۇناسلىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلغان. خرىستىئان دىنىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى ۋە خرىستىئان دىنى تارىخشۇناسلىقىنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا كلاسسىك تارىخشۇناسلىق Ⅲ ئەسىرلەردىن كېيىن كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ بارغان، لېكىن ئەنئەنىۋى تەسىرچانلىق يەنىلا ئاز - تولا ساقلىنىپ قېلىنىپ، تاكى Ⅴ ئەسىردە كلاسسىك دۇنيا ئاياغلاشقانغا قەدەر داۋاملاشقان. كلاسسىك تارىخشۇناسلىق كېيىنكى دەۋر (بولۇپمۇ غەربتىكى) تارىخشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.