Lughet
DictionaryChinese一九二九至一九三三年世界经济危机
ChineseUyghurMain Dictionary

一九二九至一九三三年世界经济危机

دۇنيا تارىخى 1929 - يىلىدىن 1933 يىلىغىچە بولغان دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسى 30-يىللاردىكى چوڭ كرىزىس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاپىتالىزم تارىخىدىكى بۇزغۇنچىلىقى ئەڭ ئېغىر بولغان، ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقى كرىزىسى. بۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىقى بىلەن ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خۇسۇسىي كاپىتالستلار ئىگىلىۋېلىش شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاساسىي سەۋەب بولغان. بۇ كرىزىس ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى، سوتسىيالىستىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمەۋجۇت بولغانلىقى ۋە تەرەققى قىلغانلىقى،مۇستەملىكە، يېرىم مەستەملىكىلەردە مىللىيئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ھەرقايسى ئەللەردە مىللىي كاپىتالىستىك ئىگىلكنىڭ راۋاجلىنىۋاتقانلىقى ۋە ھەرقايسى كاپىتالىستىك ئەللەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىنكۈنگە نامراتلىشىپ كېتىپ بارغانلىقى ئارقىسىدا كاپىتالىستىك دۇنيا بازارلىرى مۇناسىپ ھالدا تارىيىپ كەتكەنلىكتىن پارتلىغان. 1929-يىل 6-ۋە7-ئايلاردا، ئامېرىكا ۋە باشقا ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىكى سودىگەرلەر ۋە زاۋۇت ئىگىلىرىنىڭ ئامبارلىرىداتاۋارلار كۆپلەپ بېسىلىپ قالغانلىق بۇ كرىزىسنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى ئىدى. شۇيىلى 9-ۋە10-ئايلاردا ئامېرىكىدا پايچېكىنىڭ بازار باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كېتىپ، بىرژاتاقىلىپ، ئالدى بىلەن كرىزىسقا پېتىپ قالغانىدى ھەمدە بۇ كرىزىس كانادا، ياپونىيە ۋە غەربىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە تېزدىن كېڭىيىپ، كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تۇيۇقسىز زەربە بەردى. كرىزىس تۈپەيلىدىن پۈتكۈل كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 40 پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كېتىپ، 1908-ۋە1909-يىللاردىكى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىگە چېكىنىپ كەتتى. كۆپلىگەن كارخانىلار تاقىلىپ، ئىشسىزلارنىڭ ئومۇمىي سانى 50 مىليونغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ 17 مىليونغا، گېرمانىيىنىڭ 8 مىليونغا، ئەنگىلىيەنىڭ 4 مىليونغا يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر يېرىم ئىشسىز قالدى ۋە نەچچە 10 مىليون دېھقان ۋەيران بولدى، كرىزىس تۆت يىل داۋام قىلدى. سانائەت كرىزىسى، يېزائىگىلىك كرىزىسى ۋە پۇل ئامانەت كرىزىسى بىراقلا يۈز بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان زاۋۇت رايونلىرىدا ماشىنا <مازار> لىرى پەيدا بولۇپ، كاپىتالىستلار بۇغداي، كۆممۇقوناقلارنى يېقىلغۇ ئورنىدا ئىشلىتىپ، سۈت، قەھۋەلەرنى دەريالارغا، دېڭىزئوكيانلارغا تۆكۈۋەتتى. يىغىش ئالدىداتۇرغان كېۋەزلەرنى ئاغدۇرۇپ يەرگە كۆمۈۋەتتى، نەتىجىدە كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ زىيانقىممىتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى 170 مىليارد دوللار زىياندىنمۇ 80 مىليارد دوللاردىن كۆپ بولدى. كرىزىس كاپىتالىستىك تۈزۈمدىكىتۈرلۈك زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ سىياسىي كىرزىسىنى تېزلىتىۋەتتى. 1930-يىلى فرانسىيىدە 1700 قېتىم ئىش تاشلاش يۈز بەردى، ئامېرىكىدا 1 مىليون 250 مىڭ ئىشسىز ئىشچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى، ئەنگىلىيىدە ماتروسلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى،مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىلەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى مونوپول بۇرژۇئازىيە كرىزىستىن قۇتۇلۇشقا، چىقىش يولىتېپىشقا ئۇرۇندى. ئامېرىكا <يېڭى سىياسەت>نى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي ئىشلارغا ئارىلاشتى؛ گېرمانىيە، ياپونىيە فاشىستىك دىكتاتۇرا ئورنىتىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، يېڭىدۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىككى مەنبەسىنى پەيدا قىلدى. بۇ قېتىمقى كرىزىستىن كېيىن، ئىقتىساد كاساتلىشىپ سەلپەل ئەسلىگە كېلىشىگە 1937 -يىلى يەنە يېڭى كرىزىس يۈز بەردى.
Rate this entry
← Search