Uyghur→ChineseMain Dictionary
ھانىس بوھېيم
دۇنيا تارىخى
汉斯.贝海姆
hàn sī .bèi hǎi mǔ
(؟ - 1476) لەقىمى <نىكالاسھاۋزېنىنىڭ نەيچىسى>. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى گېرمانىيىنىڭ فرانكۇنىيە ئۆلكىسىدىكى تاۋبېر ۋادىسىدىكى دېھقانلار ەرىكىتىنىڭ تەرغىباتچىسى. پادىشچى. ئۇ چېركاۋ بىلەن دىندىن سىرت بولغان بارلىق ھوقۇقلارنى ئىنكار قىلىشنى؛ يەر ئىجارىسى، باج - سېلىق ۋە ئالۋان - ياساق قاتارلىق جىمىكى فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەرنى بىكارق ىلىشنى؛ يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەم بىر - بىرىگە فېرىنداش بولغانلىقتىن باي - كەمبەغەل دەپ ئايرىماستىن، ھەممە كىشى ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى؛ ئورمان ۋە سۇلاردىن ئەركىن پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇ تۇرۇۋاتقان نىكلاسھاۋزېن يېزىسىغا توپلانغان. 1476-يىلى قوزغىلاڭ قىلىپ،ك ۋۇرتسبۇرگ ئېپىسكوپىغا قارشى تۇرماقچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىش ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ھانىس بوھېيم قولغا ئېلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى ئېپىسكوپ قوشۇنى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.