UyghurMain Dictionary
باقى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەبەدى، دائىمىي، مەڭگۈ:
قالدۇق، ئېشىپ قالغان نەرسە:
1. ئەلقىسسە، بۇ شاھلارغا ھەياتلىق باقى بولماي، جەھان سەلتەنەتىنى بېرىپ، بۇ فەلەكى غەددار پات فۇرسەتتە ياندۇرۇپ ئالدى.
موللاد سىدىق.
2. نېچۈك جان بەرمەسۇن ۋەسلىڭ تىلەپ دەردۇ فىراقىدىن،
قەلەندەرغە ۋىسالۇ دەۋلەتۇ ھەم ئۇمرى باقىدۇر.
ئۇبەيد.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەڭگۈ، ئۆلمەس، ئەبىدى؛ قېپقالغان: باقى قالغان - ئېشىپ قالغان، گەدىنىدە قېپقالغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مىس؛ تارازا؛ پۇل
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەمىشە مەۋجۇت