Lughet
DictionaryUyghurبۇرھانىددىن خوجا
UyghurMain Dictionary

بۇرھانىددىن خوجا

ئىسلام ئاتالغۇلىرى شىنجاڭدىكى ئاق تاغلىق خوجا. يەكەن، قەشقەر رايونىدىكى فېئودال خوجا مەھمۇدنىڭ چوڭ ئوغلى. خوجا جاھاننىڭ ئاكىسى. ئىلىدا تۇغۇلغان. جۇڭغارلارنىڭ كاتتىبېشى غالدان (1644 - 1697) ئۇنى دادىسى ۋە ئۇكىسى بىلەن ئىلىدا تۇتۇپ قالدى. چەنلۇڭنىڭ 20 - يىلى (1755) چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى جۇڭغارلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى. ئەسلىي ئادەملىرىنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىتىگە بويسۇندۇرۇش نىيىتىدە بولغان بولسىمۇ، لېكىن خوجا جاھاننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن چەنلۇڭنىڭ 22 - يىلىدىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدا <باتۇر خانلىقى> نى قۇردى. چەنلۇڭنىڭ 24 - يىلى يازدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى قەشقەر ۋە يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇرھانىددىن خوجا ئۇكىسى بىلەن بەدەخشانغا قېچىپ كەتتى. بەدەخشان خەلىپىسى سۇلتانشاھ ئۇنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۋەتتى
Rate this entry

Same word in other sources

بۇرھانىددىن خوجاUyghurChineseMain Dictionary

Related words

بۇرھانىددىنUyghurبۇرھانىدىنUyghurبۇرھانىددىن مەقبەرەسىUyghurبۇرھانUyghur
← Search