English→UyghurMain Dictionary
Khas
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كاسلار
كاسلار نېپال پادىشاھلىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن كاتماندۇ بىلەن غەربىي تاغلىق تايوندا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
كاسلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ھازىرقى نېپالدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان شاھ - خان جەمەتى مۇشۇ مىللەتتىن كېلىپ چىققان.
كاسلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
كاسلارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
كاسلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ، كېيىن ھىندىستان ئارقىلىق نېپالغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
كاسلار قەيسەر كېلىدۇ، ئوۋ ئوۋلاش، تاغقا يامىشىپ چىقىش ۋە ناخشا - قوشاق ئېيتشنى ياخشى كۆرىدۇ، كاسلارنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم ئۇزىتىش، ھېيت - بايرام قاتارلىق مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى نېپاللىقلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.