UyghurMain Dictionary
قىلماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاھالىنى كۆپلەپ ياكى يۈتۈنلەي ئۆلتۈرمەك.
ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، نۇرغۇن جۇڭگولۇقنى قىرغان. ياپون جاھانگىرىكى نەنجىڭدا 300 مىڭدىن كۆپ جۇڭگولۇقنى قىرغىن قىلغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسىم، سۈپەت، سان ۋە رەۋىشلەرنى پېئىل ھالىتىگە كەلتۈرىدىغان ياردەمچى پېئىل سۈپتىدە شۇلاردىن ھاسىل بولىدىغان ھەرىكەت - ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ.
دېھقان بولساڭ شۈدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار قىل. ئاۋۋال تام ئەت، كېيىن باغ ئەت.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قىلماق، ياراتماق، ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر ئىش، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق، بەجا كەلتۈرمەك، ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانماق.
ئوقۇتقۇچىلىق قىلماق. مېھنەت قىلماق.
موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما (ماقال).
ئۆتكۈزمەك، ئېلىپ بارماق.
بەزمە قىلماق. ئولتۇرۇش قىلماق. نامايىش قىلماق. نەزىر قىلماق. مۇسابىقە قىلماق. مۇنازىرە قىلماق.
تەييارلىماق، ھازىرلىماق.
كاۋاپ قىلماق. تاماق قىلماق. چاي قىلماق.
كۆرسەتمەك، ئىپادىلىمەك.
ئادەمگەرچىلىك قىلماق. مېھماندارچىلىق قىلماق. باتۇرلۇق قىلماق.
مەيدانغا كەلتۈرمەك، تۇغدۇرماق.
جاڭجال قىلماق. غوۋغا قىلماق. باسقۇنچىلىق قىلماق.
قولغا كەلتۈرمەك، ئېرىشمەك.
پۇل قىلماق. كېلىن قىلماق. كۈيئوغۇل قىلماق.
مەلۇم ئورۇن، مەرتىۋە، خىزمەت قاتارلىقلارغا بەلگىلىمەك، ئېرىشتۈرمەك.
ۋەكىل قىلماق. كادىر قىلماق. نازىر قىلماق.
تەشكىل ئابدۇسالامنى قۇيمىچىلىق سېخىغا سېخ باشلىقى قىلدى.
مەلۇم ھالەتكە كەلتۈرمەك.
باي قىلماق. كەمبەغەل قىلماق. خاتىرجەم قىلماق.
باشقىلارغا مەلۇم بىر ۋاستە ئارقىلىق مۇئامىلە قىلماق.
مەسخىرە قىلماق. مازاق قىلماق. چاقچاق قىلماق.
مەلۇم بىر خىسلەت ۋە پەزىلەتكە ئىگە دەپ بىلمەك، تونۇماق.
يۈز خاتىرە قىلماق. ئىززىتىنى قىلماق. ئابرۇيىنى قىلماق.
<ـ دەك، ـ تەك> بىلەن كەلگەن بەزى سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ پەرەز ۋە مۆلچەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنى بىر قېتىم كۆرگەندەك قىلىمەن.
تەقلىد سۆزلىرى بىلەن كېلىپ ئۇلار بىلدۈرگەن ئاۋاز ياكى ھالەتنىڭ سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆزلىرىم ئىمىر - چىمىر قىلغىلى تۇردى.
بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ ئۇنى ئانالىتىك شەكلىدە پېئىللاشتۇرىدۇ.
خەۋەر قىلماق. غەم قىلماق. تەقسىم قىلماق. قوبۇل قىلماق. ھۇجۇم قىلماق.
ساناق سانلار بىلەن كېلىپ شۇ مىقدارغا يەتكۈزۈشنى بىلدۈرىدۇ.
بىر قولۇمنى بەش قىلالمايۋاتسام يەنە نېمە ئىشنى پەيدا قىلىپ كەلدىڭىز؟
يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن كىشىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ياكى ئالماش بىلەن كېلىپ <زىيان سالماق، يامانلىق قىلماق> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماس (ماقال).
ماڭا قىلدىم دەمسەن، ئۆزۈڭگە قىلىسەن (ماقال).
كىشى بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر تەرەپنى بىلدۈرىدىغان شەخس قوشۇمچىلىرى ۋە چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەن ئىسىملار بىلەن كېلىپ <مەلۇم يۆنىلىشكە قاراتماق، ئۇدۇللىماق> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
يۈزىنى قىبلىگە قىلماق.