UyghurMain Dictionary
كان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
مەدەن، خەزىنە، يەر ئاستى بايلىق؛ بايلىق مەنبەسى؛ مەنبە؛ = كانىي.
تۈمەن گۇلدۇر، ئەدەدسىز سانى يوقتۇر،
بۇ يەردىن ئۆزگە گۇلىنىڭ كانى يوقتۇر.
خىرقەتى.
دەۋزەخى سوزاندەسەن، غۇربەت نېچۈن ھەم ئاز ئېرۇر،
ياقۇتۇ فىرۇزەنى ھەم قىلماغىل كاندىن جۇدا.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كان، كان قۇدۇقى. كۆچمە مەنىسى: مەنبەئە، يىلتىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىممەتلىك نەرسىلەر.
«كان» يەر ئاستى بايلىقىغا قارىتىلىدۇ.
«خەزىنە» توپلانغان بايلىققا قارىتىلىدۇ.
ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق. ھارام بايلىق قولدا تۇرماس. ساقلىقىم _ بايلىقىم. بايلىق قاچقاننى قوغلايدۇ، قوغلىغاندىن قاچىدۇ. بىزنىڭ ئەپتونوم رايونىمىز كانغا باي. بۈگۈن بازارىڭ ئاۋات ئىكەن، خەزىنە توپلا ياخشىلىقتىن سەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مەنبە، بۇلاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پايدىلىق قېزىلمىلارنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان يەر ئاستى ئىنشائاتلىرى.
كۆمۈر كانى. ئالتۇن كانى.
<گېئول> پايدىلىق قېزىلمىلار توپلانغان جاي.
كان ياتمىسى. كان گەۋدىسى.
كۆچمە. بىرەر نەرسىگە ناھايىتى باي ياكى شۇ نەرسىنىڭ ماكانى بولغان جاي، يەر.
تۇرپان، پىچان ناھىيىلىرى كىشمىش ئۈزۈمنىڭ كانى.