UyghurMain Dictionary
فىشت
دۇنيا تارىخى
(1762 - 1814) گېرمانىيە كلاسسىك ئىدېئالىستىك پەيلاسوپى. كېلىپ چىقىشى نامرات. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يېنا داشۆسى. لېيپىسىگ داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن يېنا، بېرلىن داشۆلىرىدە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. ياشلىق دەۋرىدە كانتقا چوقۇنغان، لېكىن كېيىن كانت پەلسەپەسىدىكى ماتېرىيالىستىك ئامىللاردىن ۋاز كەچكەن، <ئۆزىدىكى نەرسە> (يەنى ئوبىكتىپ شەيئى) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان. <مەن> نى بىردىنبىر، ئىجادچانلىققا تولغان مەنىۋى ئەمەلىي نەرسە، بىلىشنىڭ سوبىكتى، بولۇپمۇ ئىرادىنىڭ ياكى پائالىيەتنىڭ سۇبىكتى دەپ قارىغان. تەپەككۇر مۇستەقىل جەريان، ئۇ ئىچكى مۇقەررەرلىك بىلەن داۋام قىلىدۇ، ئوبىكتىپ (يەنى <غەيرىي مەن>) بولسا پەقەت سۇبىكتىپ (<مەن>) ئۈچۈن ئورنىتىلغان، شۇڭا <ئۆز - ئۆزىنى ئاڭقىرىش> بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىجادچىسى، دەپ قارىغان. سىياسىي جەھەتتە بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىسى ۋە مىللەتپەرۋەرى. فېئودال ئىستىبداتلىق تۈزۈمىگە ۋە تەبىقە تۈزۈمىگە، جىسمانىي بېقىندىلىققا قارشى تۇرغان، بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ياكى پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان. مىللەت ئەلاچىلىقىنى تەرغىپ قىلغان، نېمىس مىللىتىنىڭ مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى چىرىكلىكتىن قۇتۇلۇپ، ناپولېئوننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنى قىزغىن چاقىرىق قىلغان. ئۇنىڭ <بىلىم ئاساسلىرى>، <ئادەمنىڭ بۇرچى>، <نېمىسلارغا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.