Chinese→UyghurMain Dictionary
社会革命党
دۇنيا تارىخى
سوتسىيال ئىنقىلاپچىلار پارتىيىسى
روسىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1902 - يىلى نارودنىكلار گۇرۇپپىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئۇنىڭ كاتتىبېشى چېرنوۋ (1873 - 1952) قاتارلىق كىشىلەر. فىدېرالىزم ئاساسىدا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، كاپىتالىزم تۈزۈمى ئاستىدا يەرنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىدىكى رەھبەرلىك رولىنى ئىنكار قىلغان، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى چىققان. شەخسىي تېررورلۇقنى ئاساسلىق تاكتىكا قىلىۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆپ سانلىق ئەزالىرى سوتسىيال شوۋىنىزمچىغائايلانغان. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا قارشى تۇرغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەل مۇداخىلىچلىرى ۋە ئاق گۋاردىيىچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوراللىق توپىلاڭ تەشكىللىگەن. سوۋېت روسىيىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە يوشۇرۇن زىيانكەشلىك قىلغان. گراژدانلار ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.