Chinese→UyghurMain Dictionary
兰明低地暴乱
دۇنيا تارىخى
لامبىڭ فلات توپىلىڭى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى ئاۋسترالىيىدىكى ئالتۇن چايقاش دۋرىدە يۈز بەرگەن جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش ۋەقەسى. 1860 - يىلى يېڭى جەنۇبىي ۋېلېس مۇستەملىكە رايونىدىكى لامبىڭ فلات يېنىدىكى بۇررانگوڭ دېگەن يەردە ئالتۇن كېنى تېپىلىپ، كۆپلىگەن ياۋرۇپالىق ۋە جۇڭگولۇقلارنى جەلپ قىلغان. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالتۇن چايقىشىنى چەتكە قېقىش ئۈچۈن، ياۋرۇپالىقلار يىغىن ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسىتپ، بۇررانگوڭ <ياكى ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئالتۇن كېنى بولسۇن، يا جۇڭگولۇقلارنىڭ زېمىنى بولسۇن> دېگەننى ئوتتۇرغا قويۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزىۋەتكەن. 1861 - يىلنىڭ بېشىدا، كانچىلارمۇ مۇھاپىزەت ئىتتىپاقى قۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنى ھەيدىۋېتشنى تەلەپ قىلغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا تەخمىنەن 3000 ياۋرۇپالىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ جۇڭگولۇقلارنى لامبىڭ فلاتتىن قوغلىۋەتكەن. 11 - ئايدا يېڭى جەنۇبىي ۋېلېس مۇستەملىكە دائىرىلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ يەرگە كىرىشىنى چەكلەيدىغان كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئېلان قىلغان.