—Reference
ھەمرا بارات
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ھەمرا بارات (تەخەللۇسى: كاتىبى) 1873 - يىلى يار كەنتنىڭ پەنجىم يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1918 - يىلى ئىلىغا ئۆتۈپ، ئانا يۇرتى - غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىغا ئورۇنلاشقان. 1947 - يىلى 74 يېشىدا ئالەمدە ئۆتكەن. (شائىر ھاياتى ۋە ئىجادىغا دائىر مەلۇماتلار يولداش تۇرسۇن زېردىن تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىپ، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان «كاتىبى شېئىرلىرى» نىڭ نەشىرگە تەييارلىغۇچى سۆزىدىن ئېلىندى.)
ھەمرانىڭ ئاتىسى بارات ئوغلىنىڭ تەربىيىسىگە كىچىكىدىن كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇتۇپ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، بۇ خاراغا ئوقوشقا ئەۋەتكەن. لېكىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرمىگەچكە ھەمرا ئوقوشنى داۋاملاشتۇرالماي قايتىپ كەلگەن ھەمدە قالغان بىلىملەرنى يۇرتىدا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تولۇقلىغان. تۇرپانيۈزىگە كەلگەندىن كېيىن ھەمرا دەسلەپ شۇ يېزىدىكى مەكتەپتە ئوقوتقۇچىلىق قىلىپ، يېزا ياشلىرىنى بىلىم، ئەخلاق ئۆگىنىپ، خۇراپاتلىق ۋە نادانلىقنى تۈگىتىشكە يېتەكلىگەن، ياشانغان مەزگىلىدە تۇرپانيۈزى يېزىسىدا ئىماملىق قىلغان.
شائىر ھەمرا بارات شېئىرلىرىدىكى بىشارەتتىن قارىغاندا، ئۇ ياشانغان چېغىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن شېئىر ھەمدە «خۇشتىرىخان» ناملىق داستان يازغان. شائىرنىڭ 1940 - يىللارنىڭ باشلىرىدا رەتلەپ تۈزگەن بىر دىۋانى ھازى غۇلجا شەھىرىدىكى سىدىق تۇرسۇننىڭ قولىدا ساقلانغان بولۇپ، دىۋان دىنىي، ئەخلاقىي ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەزمۇنلاردا يېزىلغان 247 پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمى غەزەل شەكلىدە، قالغان قىسمى مۇخەممەس ۋە باشقا شېئىرىي شەكىللەردە يېزىلغان. سۇلتان ئۇۋەيىس يېزىسىدىكى مەرھۇم ھېزىم ئاكا ھەمرا كاتىپىنىڭ 94 پارچە شېئرىنى ساقلاپ كەلگەن. تۇرسۇن زېرىدىن ئەنە شۇ شېئىرلاردىن بىر قىسمىنى تاللاپ نەشىرگە تەييارلاپ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان.
تۆۋەندە، شائىر ھەمرا (كاتىپى) نىڭ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىدىن بىر پارچىنى كىتابخانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز:
«ئاتمىش ياشتا ئەبيات يازدىم، ئۆزۈم نادان،
ئەقلىم ھەيران، كۆڭلۈم ۋەيران، يۈرەكىم قان،
كۆزۈم گەريان، باشىم سەرسان، تېنىم لەرزان،
نىچۈك لەرزان بولغانىمنى بىلىڭ دوستلار.
ھەيراندۇرمەن ئۇشبۇ ئىشقا قىلدىم ھەۋەس،
ئەمدى بىلىسەم ئۆتكەن كۈنۈم ياخشى ئەمەس.
بولۇپ قالدىم مانا بۈگۈن ئەبيات پەرەس،
ئەبيات پەرەس بولغانىمنى بىلىڭ دوستلار.
ئەبيات يېزىپ ئەمەل قىلماي يولدا قالدىم،
يولدىن قالسام نە ياخشىدۇر كۆلدە قالدىم.
كۆلدە قالدىم خۇش سائادەت چۆلدە قالدىم،
نە سەۋەبتىن چۆلدە قالدىم بىلىڭ دوستلار.
نادان كاتىپ، جاندىن كەچمەك ئاسان ئەمەس،
جاندىن كەچمەك نادانلارغا نەرسىپ ئەمەس.
نادانلىقتا ئۆتكەن ئۆمۈر پايدا بەرمەس،
ئۆمرۈم نىچۈك ئۆتكەنىنى بىلىڭ دوستلار.