UyghurMain Dictionary
قۇلاق تېشى
بىئولوگىيە
بەزى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچكى قۇلىقىدىكى ئورۇن سەزگۈسى (تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى) گە مۇناسىۋەتلىك بولغان مىنېرال تىنما. بېلىقلارنىڭ قۇلاق تېشى كالتسىي ماددىسىدىن شەكىللىنىدۇ. ئورنى ئۆزگەرگەندە قۇلاق تېشى ئاڭلاش نېرۋىسىنى قوزغىتىدۇ ھەم مېڭىگە يەتكۈزۈپ ئورۇن سەزگۈسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ ئادەتتە ئۈچ پارچە قۇلاق تېشى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ۋە چوڭلۇقى بېلىق تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. قۇلاق تېشى بېلىق يېشىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ ماس ھالدا قەۋەتلىنىپ چوڭىيىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر قۇلاق تېشىنى بىلەپ نېپىزلىتىپ ياكى بىۋاسىتىلا نېپىز ھەم كىچىك قۇلاق تېشىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئايلانما سىزىقلىرىنى كۆزىتىش ھەمدە باشقا تۈزۈلۈشلەرگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بېلىقلارنىڭ يېشىنى ۋە ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئېنىقلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىچكى قۇلىقىدىكى ئوزۇن سەزگۈسىنى باشقۇرىدىغان ئېللىپس (سوقىچاق) خالتا بىلەن شارسىمان خالتىسىدىكى ئېللىپس (سوقىچاق) خالتا دېغى ھەم شارسىمان خالتا دېغىدا قۇلاق تېشى پەردىسى بولۇپ، شۇ پەردىدىمۇ قۇلاق قۇمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان قۇلاق تېشى بولىدۇ. ئۇ كالتسىي كابوناتنىڭ كىچىك كرىستاللىرىدىن ئىبارەت. قەۋەتلىنىپ تارقىلىدۇ، قۇلاق تېشى پەردىسىنىڭ ئەركىن تەرىپىگە 3 - 6 قەۋەت جايلاشقان. بەدىنىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ ئۆزگەرگەندە، قۇلاق تېشى پەردە ھۈجەيرىلىرى ئارقىلىق دەھلىز نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرىدا قوزغىلىش پەيدا قىلىدۇ ھەم چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە يەتكۈزۈپ بەدەن ئورنىنى تەڭشەش ئەكسى تەسىرىنى (ئىنكاسىنى) بارلىققا كەلتۈرىدۇ.