Uyghur→ChineseMain Dictionary
ژادنوۋ
دۇنيا تارىخى
日丹诺夫
rì dān nuò fū
(1896 - 1948) سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. مارىئۇپول (ھازىرقى ژادنوۋ شەھىرى)دە مۇپەتتىش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1915 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشىۋېكلار)گە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەسكەرلەرئارىسىدا پارتىيىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1917 - 1918 - يىللىرى ئورالدا سوۋېت ھاكىمىيىتنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. شادرىنىسكتا ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلدە، قىزىل ئارمىيىدە سىياسىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1922 - 1934 - يىللىرى سوۋېت كومپارتىيسى (بولشۋىكلار) تۆۋەن نوۋگورد ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋە گوركىي رايونلۇق كومىتېتنىڭ سېكرىتارى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، لېنىنگرادئالدىنقى سەپ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان. 1944 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرال پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي سېكرىتارىياتىدا ئىشلەشكە يۆتكەلگەن. پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار كۆپ خىل ئەسەرلەرنى يازغان.