Uyghur→ChineseMain Dictionary
رۇر دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
鲁尔河
lǔ ěr hé
گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رېين دەرياسىنىڭ ئوڭ تارمىقى. يۇقىرى ئېقىنى زوئىلاند تېغىنىڭ ۋىنتېربېرىگ چوقىسىنىڭ شىمالىي يان باغرىدىن باشلىنىپ، ئەگرى - بۈگرى غەربكە قاراپ ئېقىپ، تۆۋەن ئېقىنى خاگېن، ئېسىن شەھەرلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، دويسبۇرگ يېنىدا رېين دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر، كۆلىمى 4500 كۋادرات كىلومېتىر، دەريا ئاغزىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى تەخمىنەن 70 كۇب مېتىر سېكۇنت كېلىدۇ. دەريانىڭ ۋىتتىندىن تۆۋەن قىسمىدا 2000 توننىلىق يۈك پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ. تۆۋەن ئېقىن ئەتراپىدا كۆمۈر بايلىقى ناھايىتى مول. دەريا ياقىسىدا سۇ ئامبىرى كۆپ بولۇپ، ئەتراپىدىكى شەھەر زاۋۇتلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. قانل ئارقىلىق ئېمىس دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ.