UyghurMain Dictionary
پارىژ
مەشھۇر شەھەرلەر
دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەھەرلەر ئىچىدە، فرانسىيە پايتەختى پارىژ ئۆزىنىڭ قويۇق مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە قىياپىتى بىلەن »گۈل شەھىرى« دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.
پارىژ شەھىرى فرانسىيە ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، شەھەر رايونىنى گۈزەل سېنا دەرياسى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ بىر كېمە شەكىللىك كىچىك ئارال بولۇپ، شەھەر ئارىلىدىن تەرەققىي قىلغان، ئۇ2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە شەھەردۇر. ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم پارىژ بۈۋى مەريەم ئانا چېركاۋى شەھەر ئارىلى مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ12 - ئەسىردە سېلىنغان بولۇپ، پارىژدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ئېگىز بولغان كاتولىك دىنى چېركاۋىدۇر.
ئەگەر پارىژ بۈۋى مەريەم ئانا چېركاۋى قەدىمىي پارىژنىڭ سىمۋولى دېيىلسە، ئۇنداقتا سېنا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېففېل تۆمۈر مۇنارىنى ھازىرقى زامان پارىژىنىڭ بەلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ فرانسىيىلىك ئىنژېنېر، دۇنيادىكى مىس - تۆمۈر بېتون قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسچىسى ئېففېلنىڭ نامىدا ئاتالغان تۆمۈر مۇنار، ئۇ1889 - يىلى ياسالغان بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى زامان تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئەجدادى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ تۆمۈر مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى320 مېتىر، مۇنار تۆپىسىدە تۇرۇپ پۈتۈن پارىژ شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ.
پارىژدا يەنە باستىللې مەيدانى، شېخې مەيدانى، زەپەر دەرۋازىسى، ئېلىسې قەسرى، ۋېرسايل قەسرى قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە سەنئەت تۈسىنى ئالغان قۇرۇلۇشلار بار. زەپەر دەرۋازىسى پارىژ شەھىرى مەركىزىدىكى دەيگاۋلې مەيدانىنىڭ مەركىزىدە، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە شېخې مەيدانى بار، ئۇنى ناپولېئون غەلىبىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ياساتقان. قۇرۇلۇش1806 - يىلى باشلىنىپ،30 يىلدا ئاران پۈتكەن. زەپەر دەرۋازىسىنىڭ ئېگىزلىكى54 .49 مېتىر، كەڭلىكى82 .44 مېتىر، قېلىنلىقى21 .22 مېتىر كېلىدۇ، تۆت تەرەپنىڭ ھەممىسىدىلا ئىشىك بار، تاملىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتلىرىنىڭ ھەممە يېرى قاپارتما نەقىش ۋە غايەت زور ئويما سۈرەتلەر بىلەن بېزەلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە رومانتىك ئويمىكار فولانسوۋا. لوندوننىڭ ئۆچمەس ئەسىرى »مارسېل كۈيى« ئەڭ داڭلىق. زەپەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى چوڭ كوچىغا جايلاشقان ئېلىسې قەسىرى فرانسىيىدىكى داڭلىق قۇرۇلۇشتۇر. نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بۇ ھەشەمەتلىك ساراينىڭ ئىچىدىكى تاملارغا داڭلىق ماي بوياق رەسىملەر بىلەن گىلەملەر ئېسىلغان، ئۆي ئىچىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، قەدىمىي تۈس ئالغان ئۆي جاھازلىرى، شۇنداقلا ھەر خىل نەپىس ياسالغان ئۈستەل سائەتلىرى تىزىلغان بولۇپ، خۇددى بىر مۇزېيغا ئوخشايدۇ.1873 - يىلىدىن باشلاپ ئېلىسې قەسرى ئىزچىل تۈردە فرانسىيە زۇڭتۇڭى مەھكىمىسى قىلىنىپ كەلمەكتە.
پارىژدا60 تىن ئارتۇق مۇزېي،70 تىن ئارتۇق كۇتۇپخانا،60 تىياتىرخانا، نەچچە يۈز كىنوخانا ۋە مۇزىكا سارىيى بار. مۇزېيلار ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدىغىنى لوئۇرې سارىيىدۇر. ئۇ فرانسىيە تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلەر پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىسى ئىدى، ھازىر فرانسىيە گۈزەل سەنئەت مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلدى. مۇزېيدا400 مىڭدىن ئارتۇق بۇيۇم ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «غالىب ئايال ئىلاھ»، «تاغ ئۆڭكۈرىدىكى مۇقەددەس ئانا» قاتارلىق داڭلىق رەسىم ۋە ئويما ھەيكەللەر بار. پارىژنىڭ «كوچا سەنئىتى» مۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇ يەردە دۇنياغا داڭلىق ئۈستى ئوچۇق رەسىم كارىدورى، ئامما ياقتۇرىدىغان كوچا مۇزىكىسى قاتارلىقلار بار. نۇرغۇن ياشلار ۋە شەھەر پۇقرالىرى ئۆزلىرىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ ئۆزلۈكىدىن كوچىلارغا چىقىپ، ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدۇ.
پارىژنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، دۇنيانىڭ كىيىم - كېچەك ئېقىمىغا باشلامچىلىق قىلماقتا. پۈتۈن شەھەردە نەچچە مىڭ كىيىم - كېچەك دۇكىنى بار، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇلدارلار بۇ يەرگە كېلىپ كىيىم - كېچەك بۇيرۇتۇپ تىكتۈرىدۇ. پارىژ كوچىلىرىدا كىيىم - كېچىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىرمۇ خانىم - قىزنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئۇلار «گۈل شەھىرى» گە يېڭى ھۆسنلەرنى قوشىدۇ.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
فرانسىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، دۇنيادىكى ئاتاقلىق زامانىۋى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. پارىژ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى پارىژ ئويمانلىقىنىڭ مەركىزى قىسمىغا، سىنا دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. پارىژ شەھىرىنىڭ مەيدانى 105 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليون 176 مىڭ، چوڭ پارىژنىڭ مەيدانى 12 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 8 مىليون 706 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). پارىژ 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. ئۇ، دەسلەپ سىنا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كىتىي ئارىلىنى ئاساس قىلغان بىر بېلىقچىلىق يېزىسى ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كىتىي ئارىلىنى ئاساس قىلغان بىر بېلىقچىلىق يېزىسى ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دەريانىڭ ئىككى ياقىسىغا كېڭىيىپ تەدرىجىي ھازىرقى پارىژ شەھىرى مەيدانغا كەلگەن. مىلادى بۇرۇنقى 1 -، 2 - ئەسىرلەردە پارىس دەپ ئاتالغان، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قەبىلە بۇ ئارالغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار بۇ كىلت تىلىدا <سازلىق ئورۇن> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارالنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس، سازلىق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بەرگەن. كېيىنكى ۋاقىتتا لۇتېتىئا دەريانىڭ ئىككى تەرىپىگە كېڭەيتىلىپ پارىس قەبىلىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىن بۇرۇنقى 58 - يىلى رىم ئىمپېراتورى كائېسار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 508 - يىلى فرانكى پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولغان. 1871 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى فرانسىيە ئىشچىلىرى دۇنيادا بىرىنچى پرولېتارىيات ھاكىمىيىتى پارىژ كوممۇنىسىنى مۇشۇ شەھەردە قۇرغان. شۇڭا ئۇ ناھايىتى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتلىك شەھەر. پارىژ فرانسىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ 1/4 قىسمى توپلانغان. شەھەرنىڭ ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكترون، مېتال تاۋلاش، خىمىيەت سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، توقۇمىچىلىق سانائىتى، پەرداش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن فرانسىيىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 1/4 نى تەشكىل قىلىدۇ. پارىژ فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق پەن - مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ جايدا ئاتاقلىق ئېففېل تۆمۈر مۇنارىسى، ئاتاقلىق ئېلسې سارىيى، چېركاۋلار، پارىژ داشۆسى، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، تىياتىرخانىلار بار. پارىژ فرانسىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش مەركىزى. بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يولى ۋە سۇ يوللىرى بار. شەھەر رايونى بىلەن شەھەر ئىچىدە ھەر كۈنى 6 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم كىشى يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. پارىژنىڭ يەر ئاستى تۆمۈريولى 1900 - يىلى قۇرۇلغان، لىنىيىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتر كېلىدۇ. پارىژدا يەنە نۇرغۇن يەر ئاستى ماشىنا توختاش مەيدانلىرى، 220 دىن ئوشۇق سودا ماگىزىنى، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى بار.