UyghurMain Dictionary
ئىما
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىما، ئىشارەت؛ ئىشارەت قىلىش؛ بەلگە:
نۇقتەئى مەۋھۇم ئېرۇر يامىمى فەم يا ئەينى ئىشىق،
يا ئاغىز يا غۇنچە يا يوقلۇق سارى ئىمامۇدۇر
ئەرشى.
سۇرەئى تاھا نى زاتىدىن بىر ئىما ئاڭلادىم،
ئايەتى ۋەللەيلى شەرھىن زۇلفى يەلدا ئاڭلادىم.
....
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەرخىل ھەرىكەتلەر بىلەن بېشارەت بەرمەك، بىرەر ھەرىكەت بىلەن پۇرىتىپ قويماق، كۆرسەتمەك.
ئىما قىلسام ئۇقمايدۇ، ساراڭ چېلىش ئوخشايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز. ئىشارە بېرىلگەنگە دىققەت قىل، غاپىل قالما. ئۇ شۇ ئان تالا تەرەپنى شەرەت قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
باش ئىرغتىپ ياكى يۈز، كۆز، قاش، قول ھەرىكىتى بىلەن قىلىنغان ئىشارەت.
- مانا كېلىپ قالدۇق، - دېدى ھامىدىن غوجا ئۈستىغۇلنىڭ ئاغزىنى بېشى بىلەن ئىما قىلىپ كۆرسىتىپ.