Uyghur→ChineseMain Dictionary
شەرقىي پرۇسسىيە
دۇنيا تارىخى
东普鲁士
dōng pǔ lǔ shì
تارىخى رايون نامى. بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقى، ۋىسلا دەرياسى بىلەن نېمېن دەرياسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالە - پرۇسسىلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تېئوتون رىتسارلار پولكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، مۇستەقىل ھالدىكى رىتسارلار دۆلىتىقىلىپ قۇرۇلغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېئوتون رىتسارلار ياكى يەنە ۋىسلا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گدانىسكى رايونىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى غەربىي پرۇسسىيە دەپ ئاتىغان. 1466 - يىلى تېئوتون رىتسارلار پولكى پولشالىقلاردىن يېڭىلىپ، غەربىي پرۇسسىيە پولشاغا قوشۇۋېلىنغان، شەرقىي پرۇسسىيىنى يەنىلا تېئوتون رىتسارلار پولكى ئىگىلەپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن پولشاغا ئىتائەت قىلغان. 1511 - يىلى ھىنزۇللېرن جەمەتىدىن ئالبېرېشت (1490 - 1568) تېئوتون رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1525 - يىلى ئالبېرېشت شەرقىي پرۇسسىيىنى پرۇسسىيە كىنەزلىكىگە ئۆزگەرتكەن. 1618 - براندېنبۇرگ كىنەزلىكى بىلەن پرۇسسىيە كىنەزلىكى بىرلەشتۈرۈلۈپ، براندېبۇرگ - پرۇسسىيە دۆلىتى قۇرۇلغان؛ 1701 - يىلى پرۇسسىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن.1772 - پرۇسسىيە پادىشاھلىقى غەربىي پرۇسسىيەنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، زېمىنىنى غەربتىن- شەرققىچە تۇتاشتۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919 - يىلىدىكى <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>غا ئاساسەن، غەرنىي پرۇسسىيەنىڭ بىرقىسمى پولشاغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ،شەرقىي پرۇسسىيە يەنىلا پرۇسسىيىنىڭ ئىلكىدە بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945 - يىلىدىكى پوتىسدام يىغىنىدا شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى پولشاغا قۇشۇپ بېرىش، شىمالىي قىسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۆلۈپ بېرىش قارار قىلىنغان.