UyghurMain Dictionary
بوغماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تۇزاق.
بوغماققا قۇشقاچ چۈشۈپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
سېمىز، دوپ - دوغىلاق.
بوغماققىنا بىر بالا كەپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل. ئىسىمداش.
1 . قاتتىق سىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويماق.
بۆرە قوينى بوغۇپ قويۇپتۇ.
2 . قاتتىق سىقىپ باغلىماق. تاغارنىڭ ئاغزىنى بوغۇپ قويدۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپ، تانا، ئارغامچا قاتارلىقلار بىلەن قاتتىق ئورىماق.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن. بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس، پېتىۋاتقان كۈننى بوغقىلى بولمايدۇ. تۈكۈڭنى تاڭ، تاڭ ئاتقاندا ماڭ. چىرمىغانغا چىدىمىساڭ، چىنەكگە چىدا. بۇ ئاپامنىڭ تۈگكەن تۈگۈچى. قوزىلارنى قوشاقلاپ قوي. چىگىدە چىگكەننى چەدو بىلەن يەش. ئۇ دۈشمەننى ماتاپ تاشلىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويۇنغا ئېسىپ كۆكرەككە ساڭگىلىتىپ قويۇلىدىغان بېزەك. كۆپىنچە ئالتۇن - كۈمۈش، مەرۋايىتتىن ياسىلىدۇ.
ھازىر مېدالىئون تاقاش خوتۇن - قىزلار ئارىسىدا مودا بولۇپ قالدى. سىلكىنچەك سالغان بوينۇڭدا، قولۇم بولسا ئىدى. زۇننار تاقىغانغا زىننەتلىك بولۇشۇڭ ناتايىن. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <بوغماق> سۆزلىمىنىڭ بارلىقى بىزدە بوغماقنىڭ مىڭلارچە يىللار ئىلگىرى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
باغلام.
شىۋىلەر
كۇچار شىۋىسى
بوغماق، قىلتاق (ئۇششاق جانىۋارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قويۇلىدىغان بىر خىل توزاق).
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
سېمىز، دوغىلاق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوغماق.
كۆينەك بوقۇچى.
1 - 609
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوغماق.
بۇ نەرسە ئالتۇن ياكى كۆمۈشتىن ياسىلىپ، ئۈسىتىگە قىممەت باھا تاشلار ۋە مەرۋايىتلار ئورنىتىلىدۇ، نىكاھ كېچىسى ياسانغان كېلىنگە تاقاپ قويۇلىدۇ.
1 - 610
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۇنجۇقۇپ قالماق؛ دەم سىقىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قاتتىق يىغىپ سىقما؛ سىقىپ باغلىماق.
گېلىنى بوغماق.
مەلۇم ئارىلىقنى بىرەر توساق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ توسماق.
دەريانى بوغماق. يول ئېغىزىنى بوغماق.
كۆچمە. توسقۇنلۇق قىلماق، ئۆسۈش، راۋاجلىنىش يولىنى توسماق.
ئۇ ئارۇپنىڭ ئاكتىپ، ئىلغار تەشەببۇسلىرىنى بوغۇپ، ياش كۈچلەرگە ھەدەپ زەربە بېرىۋاتقانلىقىغا چىدىيالمىدى.
گېلىدىن چىشلەپ ئۆلتۈرمەك.
- بىچارىنى بىر نېمە بوغۇپ قويۇپتۇ - دە، - دېدى ئايۇپ ئاكام.
خۇلاسىلىماق.
ھېسابنى بوغماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
باغلاپ، تېڭىپ قويۇلغان.
ئاز پۇل ئەمەس - تە، تاراقلاپ تۇرىدىغان، ساپمۇساق تۆت بوغماق دەڭلا!
بوغۇم - بوغۇم قىلىنغان.
بوغماق ئۆلچەم خادىسى، بوغماق ئۈچەي. بوغماق يىلان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىئال ئى. قىلتاق.
سۈپ. سېمىز، دوغىلاق.