UyghurMain Dictionary
پاتىپاراقلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پاتىپاراق، قالايمىقان بولغان ھالەت، پاتىپاراقچىلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> قۇرئاننىڭ بىرىنچى سۈرىسى، باشلىنىسى.
بىراۋنى يوقلاپ ياكى زىيارەت قىلىپ ھۇزۇرىغا ۋە ئۆيىگە بارغاندا ئەھۋاللىشىشتىن ئىلگخرى ياخشىلىق تىلەپ ئېيتىلىدىغان دۇئا.
پاتىھە قىلماق.
تېرىمدىن كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ پاتىھە ئوقۇپ كېلەي دەپ كېلىۋىدىم.
بىرەر ئىشنى باشلىغان كىشىگە ياخشىلىقنى تىلىگەن ھالدا بېرىلگەن رۇخسەت، ئىجازەت.
سودىگەرلەر ئۇنىڭغا ھەر كۈنى سالام بېرىپ ئۇنىڭدىن پاتىھە ئالغاندىن كېيىن، ئۆز تىجارەت ئورنىغا بېرىپ دۇكىنىنى ئاچىدىكەن.
ئۆلۈم ئۇزىتىلغان ئۆيدە ئۆلۈمدىن كېيىن بىرقانچە كۈن ئىچىدە ياكى ھېيت كۈنلىرى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئا ۋە تەزىيىلەر.
ئەپەندىم باينىڭ ئۆيىگە پاتىھەگە بېرىپ: - مەرھۇمنىڭ گۆرى چوڭقۇر بولسۇن، - دەپ دۇئا قىلىپتۇ.
قىز بىلەن يىگىت تۇرمۇش قۇرۇشنى ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپ ئائىلىسىگە بارىكاللا ئېيتىپ بەرگەن تەشەككۈر دۇئاسى.
پاتىھەدىن كېيىن ئابدۇۋارىس مۇپتى توي ۋاقتىنى سورىدى.
نىكاھ مۇراسىمىدا ئوقۇلغان خۇتبە دۇئاسى.
ھاجى ئىشان ئالدىراپ - تېنەپ نىكاھ پاتىھەسىنى ئوقۇدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېچىنىشلىق ۋەقە؛ ھالاكەت؛ مۇسىبەت؛ بەختسىزلىك.
بۇ بىر پاجىئە.