—Reference
خاسىڭ
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن پەقەت خاسىڭلا يەر ئۈستىدە چېچەكلەپ يەر ئاستىدا مېۋىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىسى تۇپراق ئاستىدىكى مۇھىتتىلا ئۆسىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «يەر ياڭىقى» دەپمۇ ئاتايدۇ.
خاسىڭ ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تېرىلىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي خاسىڭ مەھسۇلاتىنىڭ3 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ.
خاسىڭ بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ. تارماق شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسكەن غۇنچىلىرى پەقەتلا ئېچىلىپ مېۋىلىمەيدىغان بولغاچقا، يېتىلمەس گۈل دېيىلىدۇ. تارماق شاخنىڭ تۈۋىدە ئۆسىدىغان يەنە بىر خىل گۈل بولۇپ، ئۇلار يېتىلىدىغان گۈل دېيىلىدۇ. بۇ خىل گۈللەر چاڭلىشىپ ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇرۇقداننىڭ تۈۋى قىسمى ئۇزىراپ ئۆسۈشكە باشلاپ، ئۇچى قىسمى يىڭنىدەك قاتتىق بولغان ئۇرۇقدان سېپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئاۋۋال يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ، نەچچە كۈندىن كېيىن يەر يۈزىگە ساڭگىلاپ ئۆسۈپ ئۇرۇقداننى تۇپراق ئاستىغا ئىتتىرىپ كىرگۈزىدۇ -دە، شۇ جايدا مېۋە شەكىللەندۈرىدۇ.
خاسىڭنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە ۋە پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەردۇر.1492 - يىلى كولومبۇ يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ دۇنيا خاراكتېرلىك ساياھەت سەپىرىنى باشلىۋەتكەن. ئۇ ئەڭ دەسلەپ ئافرىقىدىكى گۋىنىيىگە كەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن پورتۇگالىيىلىكلەر ئۇنى ئاسىيا ۋە ياۋروپالارغا تارقاتقان. تەخمىنەن15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن جۇڭگوغا تارقىلىپ كەلگەن. خاسىڭنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى 50 ~% 58 كە، ئاقسىل مىقدارى 30% كە يېتىدۇ. خاسىڭ مېيىنىڭ پۇرىقى خۇش پۇراق بولۇپ، ئۆسۈملۈك مايلىرى ئىچىدە پۇرىقى ئەڭ ياخشى ماي ھېسابلىنىدۇ. خاسىڭ مېغىزىدىن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىشلەشكە بولىدۇ. خاسىڭنىڭ قىزغۇچ پوستى تەركىبىدە قان توختاتقۇچى ماددا بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن خائېموستات (شۆنىڭⅠ) ياساش ئارقىلىق قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ.
خاسىڭ نەم مۇھىتتا ساقلىنىپ قالسا ئۇنىڭدىن سېرىق ئاسپېرگىللۇس زەمبۇرۇغى ئۆسۈپ چىقىدۇ - دە، بۇ زەمبۇرۇغ ئاجرىتىپ چىقارغان ئافلاتوكسىن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە راك پەيدا قىلىدۇ. ھىندىستان ئالىملىرى خاسىڭنى كۈن نۇرى ئاستىدا15 مىنۇت ئاپتاپقا سالغاندا خاسىڭ مېيى تەركىبىدىكى ئافلاتوكسىننىڭ %99 ى بۇزۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان.