—Reference
خې لۇڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
خې لۇڭ (1896 −1969 - يىللار) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭجى دېگەن يېرىدىن. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇرۇشۇپ ئويناشقا ئامراق چوڭ بولغان.1916 - يىلى، ئىككى قىڭراقنى كۆتۈرۈپ،20 دىن ئارتۇق دېھقاننى باشلاپ باماۋشى تۇزچىلىق ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىپ،12 تال مىلتىق غەنىيمەت ئېلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.1926 - يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيىسى9 - جۈنىنىڭ شىجاڭى،12 - جۈنىنىڭ جۈنجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1927
- يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ جۇ ئېنلەي قاتارلىقلار بىلەن بىللە «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. يىل ئاخىرىدا، خۇڭخۇ رايونىغا بېرىپ ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي بازا قۇرغان. جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، خۇنەن - خۇبېي ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، قىزىل ئارمىيە2 - جۈنتۇەنىنىڭ باش كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.1934 - يىلى قوشۇننى باشلاپ گۇيجۇنىڭ شەرقىدە رېن بىشى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ6 - جۈنتۇەنى بىلەن ئۇچرىشىپ، خۇنەن - خۇبېي - سىچۇەن - گۇيجۇ ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان ھەمدە قىزىل ئارمىيە2 -،6 - جۈنتۈەنىنىڭ قوماندانى بولغان.1935 - يىلى دۇنياغا مەشھۇر25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ،2 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. جاڭ گوتاۋ بۆلگۈنچى گۇرۇھىنىڭ پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيىنى پارچىلىۋېتىش ھەرىكىتىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قىزىل2 -،4 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ بىرلىكتە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.1937
- يىلى ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، خې لۇڭ8 - ئارمىيە120 - شىسىنىڭ شىجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ ئۇدۇل دۈشمەن ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى شەنشى - سۈييۇەن ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان. كېيىن يەنە قوشۇنىنى باشلاپ ئوتتۇرا شەنشى تۈزلەڭلىكىگە بېرىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، سەنشى، سۈييۈەندىن ئىبارەت بەش ئۆلكە بىرلەشمە مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. خې لۇڭ كۆپ قېتىم ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان.1939 - يىلى4 - ئايدىكى چىخۇي ئۇرۇشىدا، ياپونىيە ئارمىيىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ زەھەرلىك گاز بومبىسى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، خې لۇڭ قوماندانلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ،700 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان. شۇ يىلى9 - ئايدىكى چېنجۇاڭ ئۇرۇشىدا، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ باتۇرانە جەڭ قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ2000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتقان.
ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خې لۇڭ غەربىي شىمال ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى سۈپىتىدە قوشۇننى باشلاپ غەربىي شىمالدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا ھارماي - تالماي جاپالىق جەڭ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ غەربىي جەنۇب ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1955 - يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ،1969 - يىلى6 - ئايدا ئۇۋالچىلىق ئىچىدە ۋاپات بولغان.