UyghurMain Dictionary
گانگ دەرياسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
گانگ دەرياسى جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دەريا، ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇ بىر«مۇقەددەس دەريا». رىۋايەت قىلىنىشىچە، «مۇقەددەس دەريا» دا يۇيۇنسا كېسەلنى ساقايتىپ، ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. ئۇلار ھەر12 يىلدا بىر قېتىم كوڭبو - مېرا بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كۈنى نەچچە ئون مىڭلىغان ھىندى دىنى مۇرىتلىرى ھەرقايسى جايلاردىن جۇمنا دەرياسى بىلەن گانگ دەرياسىنىڭ قوشۇلىدىغان جايى ئاللاھاباتقا يىغىلىدۇ. ئۇلار بەدىنىگە كاسايا ئارتىپ، سېرىق رەختنى بەدىنىگە ئورىۋېلىپ، ئەر - ئايال، قېرى - ياش بىرلىكتە دەرياغا چۈشۈپ يۇيۇنىدۇ.
گانگ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشى ئىنتايىن ئېغىر.1980 - يىلى گەندى تىنچلىق فوندى جەمئىيىتى: گانگ دەرياسى ھىندىستاندىكى بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر دەريالارنىڭ بىرى بولۇپ، دەريادىكى ھەر خىل سۇ جانلىقلىرى بىلەن سۇ ئىچكۈچىلەرگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە دەپ كۆرسەتتى. بىراق، ئىخلاسمەن دىن مۇرىتلىرى ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قاراپ، گانگ دەرياسى سۈيىنى يەنىلا تەبىئىي ھالىتىدە ئىچمەكتە.
سانسكرىت تىلى ۋە ھىندى تىلىدا گانگ دېگەن سۆزى دەريا دېگەن مەنىدە. ئۇ ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ، ھىندىستان ۋە بېنگال دۆلىتىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ بېنگال قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى2580 كىلومېتىر كېلىدۇ. گانگ دەرياسى تۈزلەڭلىكى بىلەن گانگ دەرياسى دېلتىسىنىڭ سۇ تورى زىچ، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، سېرىق كەندىر، قىچا، شېكەر قومۇشى قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى زىچ، ئەزەلدىنلا ھىندىستان بىلەن بېنگال دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي رايونىدۇر. گانگ دەرياسى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تۇپراق ۋە خەلقنى بېقىپ، دۇنيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر ھىندىستان مەدەنىيىتىنى ياراتقان، شۇڭا ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۇنى «مۇقەددەس دەريا» دەپ ئاتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەريا بولۇپ، باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىدىن باشلىنىپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دېۋراياگ ئەتراپىدا ئالاكناندا دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن گانگ دەپ ئاتىلىدۇ. گانگ دەرياسى شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، بېنگالنىڭ ئلوتتۇرا قىسمىغا كەلگەندە، شىمالدىن ئېقىپ كەلگەن براخما پوترا دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، بېنگال قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. گانگ دەرياسىنى ھىندى خەلقلىرى <مۇقەددەس دەريا> دەپ ئاتايدۇ. ھەر يىلىنىڭ 1 -، 2 - ئايلىرىدا سۇغا چۆمۈلۈش بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2580 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 905 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. گانگ دەرياسى ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىندا كەڭ دائىرىلىك تۈزلەڭلىكنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ھىندىستان بىلەن بېنگالنىڭ ئەڭ مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا ئاساسلىق شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، سېرىق كەندىر، شېكەر قوڭمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. گانگ دەرياسى ھىندىستاننىڭ مۇھىم سۇ قاتناش يولى بولۇپ، دەريالار قاناللار ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان.