UyghurMain Dictionary
پىتنە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنى قارىلاش مەقسىتىدە ئويدۇرۇپ چىقىلغان يالغان - ياۋىداق سۆز.
پىتنە زەھەردىن بەتتەر. پىتنە بىلەن پاسات قۇچاقلىشىپ كېلەر. ئىغۋاغا ئىشەنمەك - ئۆزىنى يوقاتماق. بۇلغاق ھەممىنى بۇلغايدۇ. پىتنە - ئەڭگىزگە قېلىش پىچاق يېيىشتىن يامان. ئادەملەرنىڭ پىسقى - پاساتلىرىغا قوشۇلما. كۆپ يامغۇر يەرنى بۇزار، پىسقى - پۇچۇر ئەرنى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئويدۇرما، يالغان - ياۋىداق سۆز.
پاكىت
رېئال ئىش - ھەرىكەت.
پاكىت بەس - مۇنازىرىدىن ئۈستۈن. مىڭ مۆلچەردىن بىر پاكىت ئەلا. ئىغۋانىڭ ئۆمرى كوتا. پىتنىڭ پۇتى ئۇزۇن. ئەپقاچتى گەپتە يۈگەن يوق. بەتلەكلىك مىلتىقتىن سەسكەنگۈچە، پىتنە - پاساتتىن سەسكەن. پىتنە بىلەن پاسات قۇچاقلىشىپ يۈرەر. تالانىڭ گېپى بىلەن ئۆيىمىز بۇزۇلغىلى تاس قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
غەرەزلىك ھالدا بىراۋنى قارىلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان سۆز، تۆھمەت.
ئابلا خۇددى بىراۋنى بوغۇزلاۋاتقاندەك چىرقىرىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، زاۋۇتتا <ئادەم ئۆلتۈرۈلدى> دېگەن پىتنە تارقالدى.