UyghurMain Dictionary
پۇل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە قىلىپ تارقاتقان، سادا - سېتىق مۇئامىلىسىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان قەغەز ياكى مېتال .
«پۇل» ، «ئاقچا» ئەڭ ئاكتپ سۆزلەر.
«تىزا» ئەسلى مىنگونىڭ باشلىرىدا چىقىرىلغان پۇلنىڭ نامى (贴子 ) ، بىزدە ئومۇمەن «پۇل» مەنىسىدە كېلىدۇ.
ئۆلۈمگە تۇتىدىغانمۇ پۇل، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغانمۇ پۇل. پۇل تاپقۇچە، ئەقىل تاپ. پۇل بار چاغدا مېڭى دوست، پۇل يوق چاغدا قېنى دوست؟! ئاقچىغا ئارام يوق. تىزاڭ كۆپەيسە، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئالتە تڭگەم بار ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار نار ئالىمەن. تەڭگىنىڭ كۈچى تىيىنىدا. بىر تىيىننىڭ تايىنى يوق. ياماق ياماپ، يارماق تاپ. كىچىككىنە پىنناس، ئالەمنى كېزىپ تىنماس. ئۇ نېمە؟ (مېتال پۇل)
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
پۇل - يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن تۆشۈكچە يارماق (ياكى پۇل) بولۇپ، مىستىن قۇيۇلىدۇ. ئېغىرلىقى ئىككى مىسقال. ئەينى دەۋردە قېزىۋېلىنغان مىس ئاز بولغاچقا، كونا پۇللار يىغىۋېلىنىپ قايتىدىن يېڭى پۇل قىلىپ قۇيۇپ تارقاتقان. بىر يېڭى پۇلغا ئىككى كونا پۇل ئالماشتۇرۇلغان. يېڭى پۇلنىڭ ھەر بىر يارمىقى 1 پۇل، 50 پۇلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە، بىر كۈمۈش تەڭگە بىر سەر ئېغىرلىقتىكى كۈمۈشكە تەڭ بولغان. (بۇ كۈمۈشتىن قۇيۇلغان پۇلدۇر. بىر تەڭگە بىر سەر كۈمۈشكە تەڭ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە<گرېكچە
سودا مۇئامىلىلىرىدە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشتا ۋاستىلىك رول ئوينايدىغان، دۆلەت مالىيىسىگە ئاساسەن دۆلەت تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە مۇقىم ۋە بەلگخلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە قىلىپ تۇراقلاشتۇرۇلغان، مېتال ياكى قەغەزدىن ياسالغان بەلگە؛ ئاقچا.
قەغەز پۇل.
پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى (ماقال).
كاپىتال، مەبلەغ.
قۇرۇلۇشقا پۇل ئاجراتماق.