Chinese→UyghurMain Dictionary
甄萱
دۇنيا تارىخى
جېن شۈەن
(؟ - 936) چاۋشيەننىڭ كېيىنكى پېكچى دۆلىتىنى قۇرغۇچى. ئەسلى ففمىلىسى لى، شاڭجۇ جائىنلىق (چىڭشاڭ بېيداۋ ئۆلكىسى ۋېنچىڭ ۋىلايىتى جائىن ناھىيىسىدىن)، يەرلىك زومىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا پايتەخ چڭجۇغا بېرىپ ئەسكەر بولغان ۋە غەربىي جەنۇبىي دېڭىز مۇداپىئەسىدە تۇرغان. كېيىن يانداش سانغۇنلۇققا كۆتۈرۈلگەن. سىللانىڭ ئاخىرقى مەزەىلىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مىلادىن 892-يىلى (ئايال پادىشاھ چېن شېننىڭ 6-يىلى) ئەسكەر تارتىپ، غەربىي جەنۇبتىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ۋۇ جېنجۇ (چۈنلوداۋ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ ۋىلايىتى) نى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى بەگ قىلىپ تىكلىگەن. 900-يىلى (شياۋگوڭۋاڭنىڭ 4-يىلى) ئۆزىنى كېيىنكى پېكچى پادىشاھى دەپ ئاتاپ، ۋەنشەنجۇ (چۇەنلو بېيداۋ ئۆلكىسى چۇەنجۇ ۋىلايىتى) نى پايتەخت قىلغان ۋەئەمەلدارلارنى تەيىنلەپ يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىنى ئىگىلىگەن. شىمالدا گوڭيىنىڭ موجېن دۆلىتى (كېيىن تەيفېڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن) ۋە كېيىن ۋاڭجيەننىڭ كورىيە دۆلىتى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، شەرقتە سىللانى قىستاپ، ئۈچ دۆلەت تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئۈچ دۆلەت تارىختا كېيىنكى ئۈچ دۆلەت دەپ ئاتالغان. جۇڭگونىڭ ئۇ يۈې، كېيىنكى تاڭ خاندانلىقلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ياپونىيىگە ئىككى ېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. 927-يىلى چىڭجۇنى ئېلىپ، پادىشاھ جىڭ ئەيۋاڭنى ئۆلتۈرۈپ، جىن بونى پادىشاھ (ئىتائەتمەن پادىشاھ) قىلىپ تىكلىگەن ۋە ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى بۇلاپ، ئۇستىلارنى ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان. 935-يىلى ئوغۇللىرى ئارىسىدا تەخت تالىشىش نىزاسى تۇغۇلۇپ، چوڭ ئوغلى سېن جيەن تەختنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن نەزەربەندقىلىنغان. كېيىن ۋاڭ جيەننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى كېيىنكى پېكچى ۋاڭ جيەن تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغاندا، ئاغرىپ ئۆلگەن. كېيىنكى ئۈچ دۆلەت ئاخىرلاشقان.