UyghurMain Dictionary
ھاجى ھامۇت مەھمۇدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ھاجى ھامۇت مەھمۇدى 1924 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلسىىدە تۇغۇلغان، 1939 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان؛ 1945 - يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان؛ 1946 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دالالىتى بىلەن غۇلجىغا بېرىپ، <ئويغان> ۋە <ئالغا> گېزىتلىرىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 50 - يىللاردا شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى شۆبىلىرىدە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگەن؛ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئۇزاق يىل رىيازەت چەككەن، 1980 - يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدە ئارام ئالغان، 1988 - يىلى 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
ھاجى ھامۇت مەھمۇدىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 30 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا شېئىرىيەت بىلەن باشلانغان، شۇ چاغدىن تارتىپ تاكى ھاياتنىڭ ئاخىرلىرىغىچە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، خېلى كۆپ شېئىرلارنى، يەنە بىر قىسىم دراما ۋە ئەسلىمە خاتىرىلەرنى يازغان.
ھاجى ھامۇت مەھمۇدىنىڭ <تارىخىي ساۋاق> ناملىق سىياسىي - نەزەرىيىۋى خاراكتېردىكى كىتابى 1946 - يىلى غۇلجىدا نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭ يەنە <كۈرەش كۈيلىرى> (1987 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.