UyghurMain Dictionary
تېگىش سېزىمى ۋە بېسىم سېزىمى
بىئولوگىيە
تېرە رېتسېپتورلىرىغا مېخانىك تەسىر قىلىشتىن كېلىپ چىققان سەزگۈ. ئۇ تېگىش سېزىمى ۋە بېسىم سېزىمى دەپ ئايرىلىدۇ. تېگىش سېزىمى رېتسېپتورى يېنىك ۋە ئاستا (سەل - پەل) تېگىشىشلەرگە قارىتا رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ. تېرە تۈكلۈك رايونلىرىنىڭ تېگىشى سېزىمى ناھايىتى سەزگۈ بولۇپ، پەقەت يۇڭ - تۈكلەرگە باشقا نەرسىلەر تېگىشى بىلەنلا تۈك خالتىسى ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرىنى غىدىقلاپ قوزغىتالايدۇ. تۈكسىز رايونلارنىڭ تېگىش سېزىمى ئاساسەن تېرە ئاستى توقۇلمىسىدىكى تېگىش سېزىمى كىچىك تەنىچىلىرى ئارقىلىق سېزىلىدۇ. بېسىم سېزىمىنىڭ رېتسېپتورى ھالقا قەۋەتلىك كىچىك تەنىچىلەردىن ئىبارەت. ئۇلارنى قوزغىتىدىغان غىدىقلاش رولى بېسىمنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى بېسىم كۈچى تېرىگە تەسىر قىلىپ تېرە ۋە رېتسېپتورلاردا شەكىل ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىش تۈپەيلىدىن قوزغىلىش كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، قولنى تېرە تېمپېراتۇرىسىغا ئوخشاش ھارارەتتىكى سىمابقا چىلىغاندا، قولنىڭ پەقەت سىماب يۈزىدىكى تېرىگە تېگىپ تۇرغان گىرۋەكلىرىدىلا بېسىلىش سېزىمى بولىدۇ، چىلىنىپ تۇرغان تېرىنىڭ باشقا ئورۇنلىرىدا بولسا، سىماب بېسىم كۈچى تەكشى تارقالغانلىق تۈپەيلىدىن بېسىم سەزگۈسى بولمايدۇ. تېگىش سېزىمىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تېز بولىدۇ. گەرچە غىدىقلاش داۋاملىق مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن رېتسپتورلار نەچچە ئون مىللىسېكۇنت ئىچىدىلا قايتا ئىمپۇلس تارقاتمايدۇ. بېسىم سەزگۈسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناچارراق بولۇپ، غىدىقلاش خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋاملاشسىمۇ يەنىلا ئىمپۇلس تارقىلىپ تۇرىدۇ. تېگىش، بېسىلىش نۇقتىلىرىنىڭ تېرىدىكى تارقىلىشى تەكشى بولمايدۇ شۇڭا تېرىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئوخشاشمايدۇ، قول، پۇتلارنىڭ تېرىسىنىڭ گەۋدە تېرىسىگە قارىغاندا سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، بارماق ئۇچلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئەڭ يۇقىرى. تېرە يەنە ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە ئىككى نۇقتىغا بېرىلگەن غىدىقلاشنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەم ئىككى نۇقتىنىڭ ئەڭ كىچىك ئارىلىقىنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدۇ، بۇ ئىككى نۇقتىنى پەرقلەندۈرۈش چېكى ياكى ئىككى نۇقتا چېكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى نۇقتا چېكى بارماق ئۇچى، ئېغىز كالپۇكى قاتارلىقلاردا كىچىكرەك، پەقەت نەچچە مىللىمېتىرلا بولىدۇ. گەۋدە قىسمىدا چوڭراق بولۇپ، 60 - 70 مىللىمېتىر كېلىدۇ.