—Reference
ئات ۋە ئېشەك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كىشى ئات ۋە ئېشەككە يۈك ئارتىپ يولغا چىقىپتۇ. ئېشەكنىڭ يۈكى ئاتنىڭ يۈكىگە قارىغاندا ئازراق ئىكەن. دەسلىپىدە ئات بىلەن ئېەك تەڭ مېڭىپتۇ. بىر - نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېغىر يۈك ئاتنى ھاسىرىتىپ قويۇپتۇ. تەرلەپ ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈك چىقىپ كەتكەن ئات ئېشەككە قاراپ:
- دوستۇم، بەك ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم. يۈكنى مەنزىلگە ئاپىرالمايدىغاندەك قىلىمەن، يۈكنىڭ ئاز قىسمىنى سەن ئېلىۋالساڭ، - دەپ مۇراجىئەت قىپتۇ. ئېشەك ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ھاڭراپ تېز - تېز مېڭىپ كېتىۋېرىپتۇ. ئات بارا - بارا ئارقىدا قاپتۇ ۋە ئاخىر ھالسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ. خوجايىن ئاتنى بوغۇزلاپ سويۇپ، ئۇنىڭ تېرىسى، گۆش ۋە ھەممە يۈكىنى ئېشەككە ئارتىپ يولغا چىقىپتۇ. ئېشەك تۇرغان ئورنىدىن زورغا قوزغىلىپتۇ. ماڭمىسا يانېپىشىغا جۇۋالدۇرۇز تېگىپتۇ. ئۇ ئۇزۇن ماڭمايلا ئاتقا ئوخشاش تەرگە چۆمۈپ، قۇلىقى سالپىيىپتۇ ۋە سەنتۈرۈلۈپ - سەنتۈرۈلۈپ كېتىۋېتىپ:
- ئەي ئىسىت، ئاتقا نېمىشقا ياردەم قىلمىغاندىمەن، ياردەم قىلغان بولسام، دوستۇم ئات ئۆلمەس ئىدى، مەنمۇ بۇ كۈنگە قالماس ئىدىم، - دەپ پۇشايمان قىپتۇ، بىراق ئورنىغا كەلمەپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئەل ئىچىدە: >كېيىنكى پۇشايمان ئەلگە دۈشمەن< دېگەن تەمسىل پەيدا بوپتۇ.